سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 2:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى14 ئۇنى گۆشكە سانجىيتتى. ئارىغا نېمە سانجىسا، شۇنى «روھانىيغا تەۋە» دەپ ئېلىپ كېتەتتى. ئۇلار شىلوغا قۇربانلىق قىلغىلى كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە شۇنداق قىلاتتى. Gade chapit la |
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاراڭلاردىن بىرىڭلار ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى تاقىۋېتسەڭلار بولاتتى. شۇنداق قىلساڭلار، مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامدا ئوت يېقىپ، ئەرزىمەس قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ ئولتۇرمايتتىڭلار. مەن سىلەردىن رازى ئەمەسمەن. ئەمدى مەن سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن قۇربانلىق قوبۇل قىلمايمەن.