9 بىر كۈنى سائۇل ئۆيىدە قولىغا نەيزە ئېلىپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگاردىن ئازاب روھى كەلدى. داۋۇت ئۇنىڭغا لىرا چېلىپ بېرىۋاتاتتى.
پەرۋەردىگارنىڭ روھى سائۇلدىن ئايرىلدى پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ئازاب روھى ئۇنى قاتتىق ئازابلاشقا باشلىدى.
ئالىيلىرى، بىزگە لىرانى ياخشى چالىدىغان بىر ئادەم تېپىپ كېلىشكە ئەمر قىلغايلا. پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ئازاب روھى سىلىنى ئازابلىغاندا، ئۇ ئادەم كېلىپ لىرا چالسا، ئۆزلىرى ياخشى بولۇپ قالىلا، _ دېدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە ئۇرۇش بولدى. داۋۇت قوشۇن باشلاپ چىقىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. ئاخىرىدا فىلىستىيەلىكلەر قېچىپ كېتىشتى.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: «قانداق ئازدۇرىسەن؟» دەپ سورىدى. ھېلىقى روھ: «مەن ئاخابنىڭ پۈتۈن پەيغەمبەرلىرىنى يالغان ئېيتقۇزىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن ئۇنى چوقۇم ئازدۇرالايسەن، بېرىپ، ئۇنى ئازدۇرغىن» دېدى.
سائۇلنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا: _ ھازىر خۇدا ئەۋەتكەن بىر ئازاب روھىنىڭ ئۆزلىرىنى قاتتىق ئازابلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.
سائۇلغا داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ تېپىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا سائۇل گىبئاھ تۆپىلىكىدىكى بىر تۈپ يۇلغۇننىڭ تۈۋىدە قولىدا نەيزىسىنى تۇتقان ھالدا ئولتۇراتتى، ئەمەلدارلىرى بولسا ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇشاتتى.