8 ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە ئۇرۇش بولدى. داۋۇت قوشۇن باشلاپ چىقىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. ئاخىرىدا فىلىستىيەلىكلەر قېچىپ كېتىشتى.
ياۋ لەشكەرلىرى ئالسىمۇ مېنى قورشاۋغا، قورقۇنچ بولماس قەلبىمدە ئەسلا. ئاتلانسىمۇ ئۇلار ماڭا قارشى جەڭگە، تەۋرەنمەس ئىشەنچىم باردۇر يەنىلا.
شۇنىڭدىن كېيىن يوناتان داۋۇتنى چاقىرىپ كېلىپ، بولغان سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردى، شۇنداقلا ئۇنى سائۇلنىڭ ئالدىغا باشلاپ باردى. داۋۇت ئاۋۋالقىدەكلا سائۇلنىڭ خىزمىتىدە بولدى.
بىر كۈنى سائۇل ئۆيىدە قولىغا نەيزە ئېلىپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگاردىن ئازاب روھى كەلدى. داۋۇت ئۇنىڭغا لىرا چېلىپ بېرىۋاتاتتى.
پەرۋەردىگار داۋۇتقا يار بولغاچقا، ئۇ ھەرقانداق ئىشتا نەتىجىگە ئېرىشەتتى.
فىلىستىيەلىك قوشۇنلار قاچانلا ھۇجۇم قىلمىسۇن، داۋۇت سائۇلنىڭ باشقا سەركەردىلىرىگە قارىغاندا ئۇرۇشتا كۆپ غەلىبىگە ئېرىشەتتى. شۇڭا ئۇنىڭ نامى كۈندىن-كۈنگە شۆھرەت سازاۋەر بولدى.
شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى قىيلاھقا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنى تارتىۋالدى. شۇنداق قىلىپ، داۋۇت قىيلاھ ئاھالىسىنى قۇتقۇزدى.
ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئارراملارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىق لەشكەرلىرىگە زەربە بېرىپ، ئارراملارنى زور دەرىجىدە قىرغىن قىلدى.