سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 19:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 ئۇ جېنىنى تىكىپ قويۇپ، ھېلىقى فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى. پەرۋەردىگار ئۇ ئارقىلىق ئىسرائىللارنى چوڭ غەلىبىگە ئېرىشتۈردى. شۇ چاغدا سىز بۇلارنى كۆرۈپ خۇشال بولغانىدىڭىز. ئەمدى نېمىشقا بىكاردىن-بىكار بىگۇناھ داۋۇتنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۆزىڭىزنى گۇناھكار قىلماقچى بولىسىز؟ _ دېدى. Gade chapit la |
لېكىن خەلق ئۇنىڭغا: _ ئىسرائىللارنى شۇنچىۋالا چوڭ غەلىبە-نۇسرەتكە يەتكۈزگەن يوناتان تۇرسا، ئەجەبا ئۇ ئۆلۈشى كېرەكمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ! بىز مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، ئۇنىڭ بىر تال مويىغىمۇ تېگىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن بۈگۈن شۇنچە چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، خەلق يوناتاننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى.