23 شۇنىڭ بىلەن سائۇل راماھتىكى نايوتقا قاراپ ماڭدى. پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغىمۇ چۈشتى. ئۇ تاكى راماھتىكى نايوتقىچە ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىپ باردى.
ئىنسان ئۆز يولى ئۈچۈن پىلان تۈزەر كۆڭلىدە، ئەمما پەرۋەردىگار قارار قىلار ئۇنىڭ قەدىمىگە.
سائۇل خىزمەتكارى بىلەن گىبئاھقا كەلگەندە، بىر توپ پەيغەمبەرلەرگە يولۇقتى. شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭغىمۇ تۇيۇقسىز چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھېلىقى بىر توپ پەيغەمبەرلەرگە قوشۇلۇپ، ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن سائۇل داۋۇتنى تۇتۇپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا، سامۇئىلنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىۋاتقان بىر توپ پەيغەمبەرلەرنى كۆردى. شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى سائۇلنىڭ ئادەملىرىگىمۇ چۈشتى ۋە ئۇلارمۇ ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىشقا باشلىدى.
تۆت ئەتراپقا نەزەر تاشلاپ، ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە-قەبىلە بويىچە قارارگاھ قۇرغانلىقىنى كۆردى. خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭغا چۈشتى،
گەرچە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىم بولسىمۇ، دۇنيانىڭ پۈتكۈل سىرلىرىنى بىلسەممۇ، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىملەرگە ئىگە بولساممۇ ۋە تاغلارنى ئورنىدىن قوزغىتالايدىغان كامىل ئىشەنچىم بولسىمۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، ھېچنېمىگە ئەرزىمەس بىر ئادەم بولۇپ قالىمەن.
بۇ سۆزنى ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئېيتمىغانىدى. ئۇ شۇ يىلى باش روھانىي بولغاچقا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىي خەلقى ئۈچۈن، شۇنداقلا پەقەت ئۇ خەلق ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەر يانغا چېچىلىپ كەتكەن پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقانىدى.
قىيامەت كۈنىدە نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا: «رەببىم، رەببىم، بىز سېنىڭ نامىڭ بىلەن خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزدۇق» ۋە «سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى قوغلىدۇق، نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق» دەيدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر پادىشاھنىڭ كۆڭلى، باشلار ئۇ ئۆزى خالىغان تەرەپكە ئېرىق سۇيىدەك ئۇنى.
پەرۋەردىگار بىلئامغا نېمە دېيىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، يەنە: _ سەن بالاقنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، دېگەنلىرىمنى ئۇنىڭغا يەتكۈزگىن، _ دېدى.
شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ روھى ساڭا تۇيۇقسىز چۈشىدۇ. سەن ئۇلارغا قوشۇلۇپ، ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىپ، باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىسەن.
لېكىن شۇ يەرلىك بىر كىشى سائۇلنى قوللاپ: _ ئاتىسىنىڭ كىم بولۇشى مۇھىم ئەمەس، ھەركىمنىڭ پەيغەمبەر بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار؟ _ دېدى. «سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىنمىدۇ؟» دېگەن ماقال ئەنە شۇنىڭدىن قالغان.
ئەتىسى ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز پەرۋەردىگاردىن ئازاب روھى كېلىپ، ئۇنى ئۆيىدە قالايمىقان ۋارقىرايدىغان قىلىپ قويدى. داۋۇت بولسا ئۇنىڭغا ئادەتتىكى چاغلاردىكىدەك لىرا چېلىپ بەردى. ئۇ چاغدا سائۇلنىڭ قولىدا نەيزە بار ئىدى.
داۋۇت قېچىپ قۇتۇلغاندىن كېيىن، راماھقا كېلىپ، سامۇئىل بىلەن كۆرۈشۈپ، سائۇلنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل بىلەن بىرگە نايوتقا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى.
ئاندىن كېيىن سائۇلنىڭ ئۆزى راماھقا قاراپ يول ئېلىپ، سېكۇدىكى چوڭ قۇدۇقنىڭ بېشىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ كىشىلەردىن: _ سامۇئىل بىلەن داۋۇت نەدە، _ دەپ سورىدى. بىرەيلەن: _ راماھتىكى نايوتتا، _ دەپ جاۋاب بەردى.