21 سائۇل بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ يەنە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلارمۇ ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىشىپ كەتتى. سائۇل ئۈچىنچى قېتىم ئادەم ئەۋەتكەندە، ئۇلار ھەم شۇنداق قىلىشتى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمنىڭ روھىغا چۆمدۈرىمەن، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزىدۇ. سۆزلىرىم ياشانغانلارغا چۈشلىرى ئارقىلىق، يىگىتلەرگە غايىبانە ئالامەتلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ.
بىر ئېفىيوپىيەلىك تېرىسىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ يىلپىز ئۆزىنىڭ تاغىل رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ ياق! سىلەرمۇ ھەمىشە رەزىل ئىش قىلىشقا ئادەتلەنگىنىڭلار ئۈچۈن، ياخشى ئىش قىلىشنى ئۆگىنەلمەيسىلەر. چۈنكى سىلەر ھەمىشە رەزىل ئىش قىلىسىلەر.»
سوقساڭمۇ بۇغداي سوققاندەك ئەخمەقنى، ئايرىلماس يەنىلا ئۇنىڭدىن ئەخمەقلىقى.
شۇنىڭ بىلەن سائۇل داۋۇتنى تۇتۇپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا، سامۇئىلنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىۋاتقان بىر توپ پەيغەمبەرلەرنى كۆردى. شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى سائۇلنىڭ ئادەملىرىگىمۇ چۈشتى ۋە ئۇلارمۇ ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىشقا باشلىدى.
ئاندىن كېيىن سائۇلنىڭ ئۆزى راماھقا قاراپ يول ئېلىپ، سېكۇدىكى چوڭ قۇدۇقنىڭ بېشىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ كىشىلەردىن: _ سامۇئىل بىلەن داۋۇت نەدە، _ دەپ سورىدى. بىرەيلەن: _ راماھتىكى نايوتتا، _ دەپ جاۋاب بەردى.