19 سائۇل داۋۇتنىڭ راماھتىكى نايوتتا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى.
ھۆكۈمدار يالغان سۆزلەرگە قۇلاق سالسا، بارلىق ئەمەلدارلىرى ماڭار يامان يولغا.
بىرنەچچە زىفلىقلار گىبئاھقا كېلىپ، سائۇل بىلەن كۆرۈشۈپ: _ داۋۇت يېشىمون چۆلىنىڭ چېتىدىكى خاكىلا دېگەن ئېگىزلىكتە يوشۇرۇنۇپ يۈرىدۇ، _ دېيىشتى.
زىفلىقلار گىبئاھقا بېرىپ، سائۇل بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا: _ داۋۇت ئارىمىزدا، يەنى يېشىمون چۆلىنىڭ جەنوبىدىكى خاكىلا دېگەن ئېگىزلىككە جايلاشقان خوراشتىكى غارلاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپتۇ.
داۋۇت قېچىپ قۇتۇلغاندىن كېيىن، راماھقا كېلىپ، سامۇئىل بىلەن كۆرۈشۈپ، سائۇلنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل بىلەن بىرگە نايوتقا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى.
شۇنىڭ بىلەن سائۇل داۋۇتنى تۇتۇپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا، سامۇئىلنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىۋاتقان بىر توپ پەيغەمبەرلەرنى كۆردى. شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى سائۇلنىڭ ئادەملىرىگىمۇ چۈشتى ۋە ئۇلارمۇ ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىشقا باشلىدى.