12 شۇنداق قىلىپ، ئايالى داۋۇتنى دېرىزىدىن قاچۇرۇۋەتتى، داۋۇت قېچىپ قۇتۇلدى.
سېپىل راھابنىڭ ئۆيىنىڭ پاسىل تېمى بولغاچقا، ئۇ ئارغامچا بىلەن ئۇ ئىككىسىنى دېرىزىدىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ قويۇپ،
كۆپ بولار ھەققانىي ئادەم دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار، ئەمما ئۇلاردىن خالاس قىلار پەرۋەردىگار.
سائۇلنىڭ يوناتان، يىشۋى، مالكىشۇۋا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ چوڭ قىزىنىڭ ئىسمى مېراب، كىچىك قىزىنىڭ ئىسمى مىكال ئىدى.
ئابسالومنىڭ ئادەملىرى بۇ ئۆيگە ئۇلارنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇ ئايالدىن: _ ئاخىمائاز بىلەن يوناتاننى كۆردۈڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئايال ئۇلارغا: _ ئۇلار دەريادىن ئۆتۈپ كەتتى، _ دەپ جاۋاب بەردى. ئابسالومنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن، يېرۇسالېمغا قايتىپ كېتىشتى.