Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 19:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 سائۇل ئوغلى يوناتان ۋە ھەممە ئەمەلدارلىرىغا داۋۇتنى ئۆلتۈرۈشنى تاپىلىدى. لېكىن سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان داۋۇتقا قەۋەتلا ئامراق ئىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 19:1
10 Referans Kwoze  

داۋۇت بىلەن سائۇلنىڭ سۆھبىتى ئەمدى ئاياغلىشىشى بىلەنلا، سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ كۆڭلى داۋۇتقا شۇنداق باغلاندىكى، ئۇنى ئۆزىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ قالدى.


شۇ كۈندىن باشلاپ سائۇل داۋۇتقا ھەسەت قىلىدىغان بولۇپ قالدى.


سائۇل بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەندى، چۈنكى بۇ قوشاق ئۇنىڭغا ياقمىغانىدى. شۇڭا ئۇ: _ ئۇلار تۈمەننى ئۆلتۈرۈشنىڭ شەرىپىنى داۋۇتقا، مىڭنى ئۆلتۈرۈشنىڭ شەرىپىنى ماڭا بەرگەن بولسا، ئەمدى ئۇنىڭغا بېرىلمىگىنى شۇ بىر پادىشاھلىقلا قاپتۇ-دە، _ دېدى.


يوناتان داۋۇتقا: _ ئاتام سائۇل سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەتە ئەتىگەندە پەخەس بولغىن، دالاغا بېرىپ، بىرەر مەخپىي يەرگە يوشۇرۇنۇۋالغىن.


ئۇلار يۈسۈپنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى يىراقتىن كۆردى. ئۇلار يۈسۈپ يېتىپ كەلگۈچە مەسلىھەتلىشىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇشتى.


يوناتان داۋۇتنى ئۆزىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ قالغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن دوستلىشىشقا ئەھدە قىلدى.


سائۇل ئەمەلدارلىرىغا: _ سىلەر داۋۇتقا: «پادىشاھ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالماقچىكەن. شۇڭا تويلۇققا پەقەت يۈز فىلىستىيەلىكنىڭ خەتنىلىكىدىن باشقا ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمايدىكەن» دەڭلار، _ دېدى. سائۇلنىڭ غەرىزى داۋۇتنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈش ئىدى.


داۋۇت راماھتىكى نايوتتىن قېچىپ چىقىپ، يوناتاننىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: _ مەن نېمە قىلىپتىمەن، نېمە گۇناھىم بار ئىكەن، ئاتاڭ جېنىمنى ئالغۇدەك، ئۇنىڭ ئالدىدا نېمە خاتالىق ئۆتكۈزۈپتىمەن؟ _ دېدى.


ئۆگۈنلۈككە سەن ئىلگىرى يوشۇرۇنغان يەرگە بېرىپ، تاش دۆۋىلىرىنىڭ ئارقىسىدا ساقلاپ تۇرغىن.


ئۇلار ئىشبوشەتنىڭ كاللىسىنى ھىبرونغا، يەنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ رەقىبلىرى سائۇل ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىنى ئېلىش قەستىدە بولغانىدى. قارىسىلا، مانا بۇ ئۇنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ كاللىسى. پەرۋەردىگار بۈگۈن سىلىنىڭ سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىن ئالىدىغان ئىنتىقاملىرىنى ئېلىپ بەردى، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite