9 شۇ كۈندىن باشلاپ سائۇل داۋۇتقا ھەسەت قىلىدىغان بولۇپ قالدى.
شۇنداق قىلىپ، شەيتانغا پۇرسەت بەرمەڭلار.
زىناخورلۇق، ئاچكۆزلۈك، يامانلىق، ھىيلىگەرلىك، شەھۋانىيلىق، ھەسەتخورلۇق، تۆھمەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە ھاماقەتلىكلەر ئىنساننىڭ ئىچىدىن، يەنى قەلبىدىن چىقىدۇ.
ئۆز پۇلۇمنى ئۆزۈم بىلگەنچە ئىشلىتىش ھوقۇقۇم يوقمۇ؟ سېخىيلىقىمنى كۆرەلمەيۋاتامسەن-يا؟»
ياقۇپ ئۆزىمۇ لاباننىڭ بۇرۇنقىدەك دوستانە مۇئامىلە قىلمايۋاتقانلىقىنى سەزدى.
قېرىنداشلار، خۇدانىڭ جازاسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىر-بىرىڭلاردىن ئاغرىنماڭلار؛ سوراق قىلغۇچى كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.
سائۇل بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەندى، چۈنكى بۇ قوشاق ئۇنىڭغا ياقمىغانىدى. شۇڭا ئۇ: _ ئۇلار تۈمەننى ئۆلتۈرۈشنىڭ شەرىپىنى داۋۇتقا، مىڭنى ئۆلتۈرۈشنىڭ شەرىپىنى ماڭا بەرگەن بولسا، ئەمدى ئۇنىڭغا بېرىلمىگىنى شۇ بىر پادىشاھلىقلا قاپتۇ-دە، _ دېدى.
ئەتىسى ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز پەرۋەردىگاردىن ئازاب روھى كېلىپ، ئۇنى ئۆيىدە قالايمىقان ۋارقىرايدىغان قىلىپ قويدى. داۋۇت بولسا ئۇنىڭغا ئادەتتىكى چاغلاردىكىدەك لىرا چېلىپ بەردى. ئۇ چاغدا سائۇلنىڭ قولىدا نەيزە بار ئىدى.
سائۇل ئوغلى يوناتان ۋە ھەممە ئەمەلدارلىرىغا داۋۇتنى ئۆلتۈرۈشنى تاپىلىدى. لېكىن سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان داۋۇتقا قەۋەتلا ئامراق ئىدى.
غەزەپ رەھىمسىزدۇر، قەھر ئوخشار كەلكۈنگە، بىراق تاقابىل تۇرالار كىممۇ كۈندىشىنىڭ كۈندەشلىكىگە؟
مەن يەنە شۇنى كۆردۈمكى، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق ئۇلارنىڭ جاپالىق ئىشلىشىگە ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشىگە تۇرتكە بولۇپتۇ. بۇمۇ خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.