Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 18:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 داۋۇت گولياتنى ئۆلتۈرۈپ كۆپچىلىك بىلەن بىللە قايتىپ كەلدى. يول بويى ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن قىز-چوكانلار چىقىپ، شادلىقتا داپ ۋە تارلىق سازلارنى چېلىپ، قوشاق ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، پادىشاھ سائۇلنى قارشى ئېلىشتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 18:6
11 Referans Kwoze  

يىفتاھ مىزپاھ شەھىرىدىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، ئالدىغا قىزى داپ چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، كۈتۈۋالغىلى چىقتى. ئۇ يىفتاھنىڭ بىردىنبىر بالىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئوغلى ياكى قىزى يوق ئىدى.


ھارۇننىڭ ھەدىسى پەيغەمبەر مەريەمنىڭ قولىدا داپ بار ئىدى. نۇرغۇن ئاياللار ئۇنىڭ بىلەن بىرگە داپ چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناشتى.


ماڭماقتا ئالدىڭدا مۇناجاتچىلار، كەينىڭدە سازچىلار. ئوتتۇرىسىدا داپچى قىزلار.


مەريەم خۇدانى مەدھىيەلەپ، ئۇلارغا مۇنداق مۇناجات ئوقۇدى: «ھەمدۇسانا ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا، ئۇ ئېرىشتى شانلىق غەلىبىگە، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلەرنى غەرق قىلدى دېڭىزغا.»


سائۇل داۋۇتنى نەگىلا ۋەزىپىگە تەيىنلىمىسۇن، ئۇ شۇ يەرگە بېرىپ، ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پۈتتۈرۈپ كېلەتتى. شۇڭا سائۇل ئۇنى لەشكەر بېشى قىلىپ قويدى، بۇنىڭدىن لەشكەرلەر ۋە سەركەردىلەر بىردەك مەمنۇن بولدى.


ئېلان قىلماڭلار بۇنى گات شەھىرىدە، جاكارلىماڭلار ئاشقىلون كوچىلىرىدا. خۇشال بولۇپ كەتمىسۇن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئاياللىرى، شادىمان بولمىسۇن خەتنىسىزلەرنىڭ قىزلىرى!


داۋۇت ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى لىرا، چىلتار، داپ، ساپايى ۋە جاڭلارنى چېلىپ، ھاياجان بىلەن ناخشا ئېيتىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇدى.


پەرۋەردىگار غەلىبىسىنى جاكارلىدى، قىز-ئاياللار توپ بولۇپ، خۇش خەۋەرنى تارقاتتى:


مەدھىيەلىسۇن خۇدانى ئۇلار ئۇسسۇل ئويناپ، ئالقىش كۈيى چالسۇن داپ، لىرادا ئۇنىڭغا ئاتاپ.


ھەر قېتىم پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازا كالتىكى بىلەن ئۇرغاندا، ئىسرائىللارنىڭ داپ ۋە چىلتارلىرىنىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite