سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 18:30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى30 فىلىستىيەلىك قوشۇنلار قاچانلا ھۇجۇم قىلمىسۇن، داۋۇت سائۇلنىڭ باشقا سەركەردىلىرىگە قارىغاندا ئۇرۇشتا كۆپ غەلىبىگە ئېرىشەتتى. شۇڭا ئۇنىڭ نامى كۈندىن-كۈنگە شۆھرەت سازاۋەر بولدى. Gade chapit la |
سىلەر ئەيسا مەسىھتىن ئىبارەت بۇ ئۇل تېشىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، بۇ ئۇل تېشى سىلەرگە نىسبەتەن قىممەتلىكتۇر. لېكىن، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلارغا نىسبەتەن بۇ ئۇل تېشى دەل مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگىنىدەك: «تامچىلار تاشلىۋەتكەن بۇ تاش قۇرۇلۇشنىڭ مەركىزىي ئۇل تېشى بولۇپ قالدى!» «بۇ تاش كىشىلەر پۇتلىشىدىغان تاش بولدى، ئادەمنى يىقىتىدىغان تاش بولدى.» ئۇلار خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋىرىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تاشقا پۇتلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق بولۇشى ئالدىن بەلگىلەنگەن.
شۇڭا پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەنمۇ ئەجدادلىرىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ مەڭگۈ روھانىي بولۇپ، خىزمىتىمدە بولىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانىدىم. بىراق مەن پەرۋەردىگار ھازىر شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەمدى بۇنداق بولمايدۇ. مېنى ھۆرمەتلىگەنلەرنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىمەن، مېنى كەمسىتكەنلەرنى خورلۇققا قالدۇرىمەن.