28 سائۇل پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا يار ئىكەنلىكىنى ھەم قىزى مىكالنىڭمۇ داۋۇتقا ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلىپ،
قارا، شەيتان گۇرۇھىدىكىلەرگە، ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەپ ئاتىۋالغان، ئەمەلىيەتتە يەھۇدىي ئەمەس ئالدامچىلارنى شۇنداق ئاقىۋەتكە قالدۇرىمەنكى، ئۇلار كېلىپ سېنىڭ ئايىغىڭغا يىقىلىدۇ ۋە مېنىڭ سېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى كۆرىدۇ.
_ بالام داۋۇت، خۇدا ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي! سەن چوقۇم ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىسەن ھەم غەلىبىگە ئېرىشىسەن! _ دېدى سائۇل. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئۆز يولىغا راۋان بولدى، سائۇلمۇ ئۆيىگە قايتتى.
ئەمدى مەن سېنىڭ چوقۇم پادىشاھ بولىدىغانلىقىڭنى، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىقى سېنىڭ قولۇڭدا مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى بىلدىم.
پوتىفار پەرۋەردىگارنىڭ يۈسۈپكە يار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئوڭ قىلغانلىقىنى بايقىدى.
لابان ئۇنىڭغا: _ سەن مەندىن رازى بولغان بولساڭ، يېنىمدىن ئايرىلما. پال ئاچتۇرۇپ شۇنى بىلدىمكى، پەرۋەردىگار سەن ئارقىلىق ئىشلىرىمغا بەرىكەت ئاتا قىلغانىكەن.
ۋاھالەنكى، سائۇلنىڭ ئىككىنچى قىزى مىكال داۋۇتقا ئاشىق ئىدى. بۇنىڭدىن سائۇل خەۋەر تېپىپ، خۇشال بولۇپ كەتتى.
داۋۇت ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئىككى يۈز فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى. ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ خەتنىلىكىنى ئېلىپ، تولۇق سانى بىلەن پادىشاھ سائۇلغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، پادىشاھنىڭ كۈيۈئوغلى بولۇشقا لايىق ئىشنى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل قىزى مىكالنى داۋۇتقا خوتۇنلۇققا بەردى.
داۋۇتتىن تېخىمۇ قورقۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنىڭغا دۈشمەن بولۇپ ئۆتتى.
ئۇلار جاۋابەن: _ بىز پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا يار ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. شۇڭا بىز بىر-بىرىمىزگە قەسەم بېرىپ، ئۆزئارا كېلىشىم تۈزەيلى دېيىشتۇق.