Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 18:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 داۋۇت ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئىككى يۈز فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى. ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ خەتنىلىكىنى ئېلىپ، تولۇق سانى بىلەن پادىشاھ سائۇلغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، پادىشاھنىڭ كۈيۈئوغلى بولۇشقا لايىق ئىشنى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل قىزى مىكالنى داۋۇتقا خوتۇنلۇققا بەردى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 18:27
8 Referans Kwoze  

داۋۇت يەنە سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ قېشىغا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: «سىڭلىڭ مىكالنى، يەنى مەن يۈز فىلىستىيەلىكنىڭ خەتنە تېرىسىگە ئالغان ئايالىمنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ» دېدى.


شۇڭا سائۇل داۋۇتنى ئۆزىنىڭ يېنىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، لەشكەرلەرگە مىڭ بېشى قىلىپ قويدى. داۋۇت لەشكەرلەرگە باش بولۇپ جەڭگە باراتتى.


شىمشونغا تۇيۇقسىز پەرۋەردىگارنىڭ روھى چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاشقىلونغا بېرىپ، 30 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىلىرىنى ئولجا ئېلىپ، كىيىملىرىنى تېپىشماقنى تاپقانلارغا بەردى. ئاندىن شىمشون دەرغەزەپ بولۇپ، ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.


سائۇلنىڭ يوناتان، يىشۋى، مالكىشۇۋا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ چوڭ قىزىنىڭ ئىسمى مېراب، كىچىك قىزىنىڭ ئىسمى مىكال ئىدى.


سائۇل داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ سەن ماڭا سادىق بولۇپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلساڭ، چوڭ قىزىم مېرابنى ساڭا خوتۇنلۇققا بېرىمەن. سائۇل ئىچىدە: «داۋۇت مېنىڭ قولۇم بىلەن ئەمەس، بەلكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلسۇن» دەپ ئويلىغانىدى.


سائۇل پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا يار ئىكەنلىكىنى ھەم قىزى مىكالنىڭمۇ داۋۇتقا ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلىپ،


داۋۇتنىڭ بىرىنچى خوتۇنى مىكالنى ئاتىسى سائۇل پالتىغا خوتۇنلۇققا بېرىۋەتكەنىدى. پالتى گاللىملىق لايىشنىڭ ئوغلى ئىدى.


داۋۇت: «ياخشى گەپ! مەن سەن بىلەن كېلىشىم تۈزەي، بىراق ئالدى بىلەن سەندىن بىر ئىشنى تەلەپ قىلىمەن. سەن مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە، سائۇلنىڭ قىزى مىكالنى ئېلىپ كەل، بولمىسا سەن مەن بىلەن كۆرۈشەلمەيسەن» دەپ جاۋاب قايتۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite