Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 18:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 سائۇل ئەمەلدارلىرىغا: _ سىلەر داۋۇتقا: «پادىشاھ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالماقچىكەن. شۇڭا تويلۇققا پەقەت يۈز فىلىستىيەلىكنىڭ خەتنىلىكىدىن باشقا ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمايدىكەن» دەڭلار، _ دېدى. سائۇلنىڭ غەرىزى داۋۇتنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈش ئىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 18:25
13 Referans Kwoze  

سائۇل داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ سەن ماڭا سادىق بولۇپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلساڭ، چوڭ قىزىم مېرابنى ساڭا خوتۇنلۇققا بېرىمەن. سائۇل ئىچىدە: «داۋۇت مېنىڭ قولۇم بىلەن ئەمەس، بەلكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلسۇن» دەپ ئويلىغانىدى.


ئۇ كۈنى ئىسرائىللار ناھايىتى ھېرىپ، ھالىدىن كەتتى. چۈنكى سائۇل ئۇلارنى قەسەم قىلدۇرۇپ: «دۈشمەنلىرىمىزدىن ئىنتىقام ئالماي تۇرۇپ، كەچ كىرگۈچە تائام يېگەن كىشى قارغىشقا كەتسۇن» دېگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچكىم ھېچنېمە يېمىدى.


پەقەت دىنانى نىكاھىمغا ئېلىشىمغا رۇخسەت قىلساڭلار، قانچىلىك تويلۇق تەلەپ قىلساڭلار قولۇم كۆكسۈمدە.


مەن خىزمەتكارلىرى شىرنىمۇ، ئېيىقنىمۇ ئۆلتۈرگەنمەن. مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلىۋاتقان ئاۋۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىكنىڭ ئاقىۋىتى ئاشۇ شىر ۋە ئېيىقتەك بولىدۇ.


داۋۇت يېنىدا تۇرغانلاردىن: _ بۇ فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارنى بۇ ھاقارەتتىن خالاس قىلغان كىشى نېمىگە ئېرىشىدىكەن؟ مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلىدىغان بۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىك ئۆزىنى كىم دەپ ئويلايدىكەن؟ _ دەپ سورىدى.


شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا چاقماق تېشىدىن پىچاق ياساپ، «خەتنە مۇراسىم تېغى» دېگەن جايدا ئىسرائىللارنىڭ خەتنىسىنى قىلدۇردى.


ياقۇپ راھىلەگە ئاشىق بولۇپ قالغانىدى. شۇڭا ئۇ: _ مەن سىزگە يەتتە يىل ئىشلەپ بەرسەم، سىز راھىلەنى ئەمرىمگە ئېلىشىمغا قوشۇلامسىز، _ دېدى.


ئەمەلدارلار داۋۇتنىڭ سۆزىنى سائۇلغا يەتكۈزدى.


داۋۇت يەنە سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ قېشىغا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: «سىڭلىڭ مىكالنى، يەنى مەن يۈز فىلىستىيەلىكنىڭ خەتنە تېرىسىگە ئالغان ئايالىمنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ» دېدى.


سائۇل ئوغلى يوناتان ۋە ھەممە ئەمەلدارلىرىغا داۋۇتنى ئۆلتۈرۈشنى تاپىلىدى. لېكىن سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان داۋۇتقا قەۋەتلا ئامراق ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite