24 ئەمەلدارلار داۋۇتنىڭ سۆزىنى سائۇلغا يەتكۈزدى.
سائۇلنىڭ ئەمەلدارلىرى بۇ سۆزلەرنى داۋۇتقا يوشۇرۇنچە يەتكۈزدى. داۋۇت: _ پادىشاھنىڭ كۈيۈئوغلى بولۇش سىلەرچە شۇنداق كىچىك ئىشمۇ؟ مەن بىر نامرات ۋە ئەرزىمەس ئادەم تۇرسام، _ دېدى.
سائۇل ئەمەلدارلىرىغا: _ سىلەر داۋۇتقا: «پادىشاھ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالماقچىكەن. شۇڭا تويلۇققا پەقەت يۈز فىلىستىيەلىكنىڭ خەتنىلىكىدىن باشقا ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمايدىكەن» دەڭلار، _ دېدى. سائۇلنىڭ غەرىزى داۋۇتنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈش ئىدى.