Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 18:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 سائۇل ئىچىدە: «مەن مىكالنى داۋۇتقا بەرسەم، قىزىم ئارقىلىق ئۇنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرىمەن» دەپ ئويلىدى-دە، داۋۇتقا ئىككىنچى قېتىم: _ سەن ماڭا كۈيۈئوغۇل بولغىن، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 18:21
11 Referans Kwoze  

سائۇل داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ سەن ماڭا سادىق بولۇپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلساڭ، چوڭ قىزىم مېرابنى ساڭا خوتۇنلۇققا بېرىمەن. سائۇل ئىچىدە: «داۋۇت مېنىڭ قولۇم بىلەن ئەمەس، بەلكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلسۇن» دەپ ئويلىغانىدى.


ئۇلارنىڭ تىللىرى زەربىلىك ئوقيالارغا ئوخشايدۇ، ئۇلار ھەمىشە يالغان سۆزلەيدۇ. قوشنىلىرىغا دوستانە سۆزلەرنى دەيدۇ-يۇ، ئەمما قەلبىدە قىلتاق قويۇشنى ئويلايدۇ.


سائۇلنىڭ ئادەملىرى بۇ گەپنى داۋۇتقا يەتكۈزگەنىدى، داۋۇت پادىشاھنىڭ كۈيۈئوغلى بولىدىغانلىقىدىن خۇشال بولدى. قەرەلى توشۇشتىن بۇرۇن،


ئەمەلدارلار پىرئەۋنگە: _ ئالىيلىرى، بۇ ئادەمنىڭ بىزگە ۋەيرانچىلىق سېلىشىغا قاچانغىچە يول قويىدىلا؟ ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداسىغا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قويسىلا! مىسىرنىڭ خاراب بولغانلىقىدىن خەۋەرلىرى يوقمۇ؟ _ دېدى.


مېنىڭ خەلقىم ئارىسىدىن رەزىل كىشىلەر چىقتى. ئۇلار قۇش ئوۋلىغۇچىلاردەك مۆكۈنۈپ ياتىدۇ. ئۇلار تۇزاقلارنى قۇرۇپ ئادەملەرنى تۇتىدۇ.


ئۆز يېقىنىغا خۇشامەت قىلغان كىشى، گويا پۇتىغا قاپقان قۇرغان كەبى.


تۇزاق قۇرار جېنىمغا قەست قىلماقچى بولغانلار، ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلماق ئۈچۈن مەسلىھەت قۇرار. ھىيلە-مىكىر، سۇيىقەست ئويلار كۈنبويى ئۇلار.


سائۇل ئەمەلدارلىرىغا: _ سىلەر داۋۇتقا: «پادىشاھ سېنى ياخشى كۆرىدىكەن، پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ سېنى ياخشى كۆرىدىكەن، شۇڭا سەن پادىشاھقا كۈيۈئوغۇل بولغىن» دەپ، يوشۇرۇنچە ئېيتىڭلار، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite