19 لېكىن سائۇل قىزىنى مېراب داۋۇتقا ياتلىق قىلىدىغان چاغدا، ئۇنى مىخولالىق ئادرائىلغا خوتۇنلۇققا بېرىۋەتتى.
سائۇلنىڭ توقىلىدىن، يەنى ئايياھنىڭ قىزى رىزپاھتىن تۇغۇلغان ئارمونى ۋە مىفىبوشەت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. سائۇلنىڭ يەنە قىزى مېراب مىخولالىق بارزىللاينىڭ ئوغلى ئادرائىلدىن كۆرگەن بەش نەۋرىسى بار ئىدى.
گىدئوننىڭ 300 ئادىمى بۇرغا چالغاندا، پەرۋەردىگار دۈشمەن قوشۇنىنى ئۆزئارا بىر-بىرىنى قىرغىنچىلىققا سېلىپ قويغانىدى. ئۇلار زىرېرا تەرەپكە قاراپ، تاكى بەيت-شىتتاھ ۋە تاببات شەھىرى يېنىدىكى ئابېل-مىخولا چېگراسىغىچە قېچىشتى.
شۇنداق قىلىپ، قىزنىڭ ئاتىسى قىزىنى شىمشوننىڭ قولدىشىغا بەردى.
ئاندىن نىمشىنىڭ نەۋرىسى يېھۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىقىغا تەيىنلىگىن. ئابېل-مىخولا سەھىرىدىن بولغان شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانى سېنىڭ ئورنۇڭغا پەيغەمبەرلىككە تەيىنلىگىن.
ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى بائانا، ئۇ تاناك، مىگىددو ۋە يىزرىئەلنىڭ جەنۇبىدىكى زارىتانغا يېقىن بولغان بەيتشانغا ۋە ئۇ يەردىن يوقمىئامنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئابېل-مىخولاغىچە بولغان بارلىق يەرلەرگە مەسئۇل ئىدى.