Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 18:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 سائۇل داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ سەن ماڭا سادىق بولۇپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلساڭ، چوڭ قىزىم مېرابنى ساڭا خوتۇنلۇققا بېرىمەن. سائۇل ئىچىدە: «داۋۇت مېنىڭ قولۇم بىلەن ئەمەس، بەلكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلسۇن» دەپ ئويلىغانىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 18:17
22 Referans Kwoze  

ئاجىزەيىڭىزنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن. پەرۋەردىگار سىزنىڭ ئەۋلادلىرىڭىزغا مۇستەھكەم خانىدانلىق ئاتا قىلىدۇ، چۈنكى سىز پەرۋەردىگار ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتىسىز. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۆمۈرىڭىزنىڭ ئاخىرىغىچە ھېچبىر يامانلىق قىلمايسىز.


سائۇل ئەمەلدارلىرىغا: _ سىلەر داۋۇتقا: «پادىشاھ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالماقچىكەن. شۇڭا تويلۇققا پەقەت يۈز فىلىستىيەلىكنىڭ خەتنىلىكىدىن باشقا ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمايدىكەن» دەڭلار، _ دېدى. سائۇلنىڭ غەرىزى داۋۇتنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈش ئىدى.


ئۇلار بىر-بىرىگە: «ئەنە، ئۇنى كۆردۈڭلارمۇ؟ يەنە ئىسرائىللارنى ھاقارەتلەۋاتىدۇ. پادىشاھ ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئادەمگە جىق بايلىق ئىنئام قىلىپ، ئۆز قىزىنىمۇ خوتۇنلۇققا بېرىدىكەن. ئۇ ئادەمنىڭ پۈتۈن جەمەتىنى ھەر خىل باج-سېلىقتىن خالاس قىلىدىكەن» دېيىشەتتى.


سائۇل ئىچىدە: «مەن مىكالنى داۋۇتقا بەرسەم، قىزىم ئارقىلىق ئۇنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرىمەن» دەپ ئويلىدى-دە، داۋۇتقا ئىككىنچى قېتىم: _ سەن ماڭا كۈيۈئوغۇل بولغىن، _ دېدى.


يەنە بۇ يەرگە يىغىلغان ھەممەيلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىنى قىلىچ ۋە نەيزە بىلەن قۇتقۇزمايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ، بۇ ئۇرۇش پەرۋەردىگارنىڭ ئۇرۇشىدۇر. ئۇ سىلەرنى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرىدۇ.


سېرىق مايدىن سىلىقتۇر ئاغزى، بىراق شۇملۇققا تولغاندۇر دىلى. شىكەر-شەربەتتەك سۆزلەر تىلى، لېكىن ئىتتىك شەمشەردەك خەتەرلىكتۇر ئېيتقانلىرى.


يالغان سۆزلەر ئادەملەر بىر-بىرىگە، ئاغزى سىلىق بولسىمۇ راستچىللىق يوق قەلبىدە.


سەن خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردۈڭ، ئۇنىڭ جېنىنى ئاممونلارنىڭ قولى بىلەن ئالدىڭ! ئۇنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزۈڭگە خوتۇن قىلىۋالدىڭ! سەن نېمىشقا مېنى كۆزگە ئىلماي، بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭ؟


ئۇ خېتىدە: «ئۇرىيانى ئەڭ شىددەتلىك جەڭ بولىدىغان ئالدىنقى سەپكە ئەۋەت. جەڭ بولغاندا، ئۇنى جەڭدە يالغۇز تاشلاپ قويۇپ، كەينىڭلارغا چېكىنىڭلار. ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ كەتسۇن» دەپ يازغانىدى.


گۇۋاھچىلار ئالدى بىلەن تاش ئاتسۇن، ئاندىن باشقىلار ئاتسۇن. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.


_ ئەگەر گاد ۋە رۇبېن قەبىلىلىرىدىكى بارلىق جەڭ قىلالايدىغان ئەرلەر سىلەر بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ جەڭ قىلسا، سىلەر ئۇ زېمىننى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، گىلئاد زېمىنىنى ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار.


خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدىكى جەڭ قىلالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى سىلىنىڭ بۇيرۇغانلىرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈپ، جەڭ قىلىدۇ.


مۇسا مۇنداق دېدى: _ ئەگەر سىلەر ۋەدەڭلاردا تۇرساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوراللىرىڭلارنى ئېلىپ جەڭگە چىقىڭلار.


شۇڭا بۇ جايلار «پەرۋەردىگارنىڭ جەڭنامىسى»دە پۈتۈلگەنىدى: «... سۇفاھتىكى ۋاھېب بازىرى ۋە ئارنوننىڭ چوڭقۇر جىلغىلىرى


سائۇلنىڭ يوناتان، يىشۋى، مالكىشۇۋا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ چوڭ قىزىنىڭ ئىسمى مېراب، كىچىك قىزىنىڭ ئىسمى مىكال ئىدى.


مەن خىزمەتكارلىرى شىرنىمۇ، ئېيىقنىمۇ ئۆلتۈرگەنمەن. مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلىۋاتقان ئاۋۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىكنىڭ ئاقىۋىتى ئاشۇ شىر ۋە ئېيىقتەك بولىدۇ.


داۋۇت ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئىككى يۈز فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى. ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ خەتنىلىكىنى ئېلىپ، تولۇق سانى بىلەن پادىشاھ سائۇلغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، پادىشاھنىڭ كۈيۈئوغلى بولۇشقا لايىق ئىشنى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل قىزى مىكالنى داۋۇتقا خوتۇنلۇققا بەردى.


داۋۇت زىقلاق شەھىرىگە قايتىپ كەلگەندە، ئولجىدىن دوستلىرىغا، يەنى يەھۇدا ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتىپ: «بۇ بىزنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئالغان ئولجىمىز، سىلەرگە سوۋغات بولسۇن» دېدى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇت شەھىرىگە كىرگەن ۋاقىتتا، سائۇلنىڭ قىزى مىكال دېرىزىدىن پادىشاھ داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا سەكرەپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئۇنى مەنسىتمىدى.


ئۆچمەنلىك قىلغۇچى چىرايلىق سۆز بىلەن نىقابلىنار، بىراق كۆڭلىدە ھىيلە-مىكىر ساقلار.


شۇڭا ئىشىنىپ كەتمە ئۇ مۇلايىم سۆزلىگەندە، چۈنكى يەتتە قات ئىپلاسلىق باردۇر ئۇنىڭ قەلبىدە.


ئۆچمەنلىكىنى ئۇ ھىيلىگەرلىك بىلەن ياپار، لېكىن ئۇنىڭ رەزىللىكى جامائەت ئالدىدا ئاشكارا بولار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite