Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 18:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 لېكىن يەھۇدا قەبىلىسىدىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن كەلگەنلەر داۋۇتقا ئامراق ئىدى، چۈنكى ئۇ جەڭلەردە ئالدىنقى سەپتىكى سەركەردە ئىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 18:16
9 Referans Kwoze  

سائۇل داۋۇتنى نەگىلا ۋەزىپىگە تەيىنلىمىسۇن، ئۇ شۇ يەرگە بېرىپ، ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پۈتتۈرۈپ كېلەتتى. شۇڭا سائۇل ئۇنى لەشكەر بېشى قىلىپ قويدى، بۇنىڭدىن لەشكەرلەر ۋە سەركەردىلەر بىردەك مەمنۇن بولدى.


تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن ئالىي روھانىيلار بۇ تەمسىلنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ھەزرىتى ئەيسانى شۇ چاغدىلا تۇتماقچى بولدى. لېكىن، ئۇلار خەلقتىن قورقۇشتى.


لېكىن، قانداق قول سېلىشنى بىلمەيتتى. چۈنكى، پۈتۈن خەلق ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىمىنى ئاڭلاشقا شۇنچىلىك خۇشتار ئىدىكى، ئۇنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزىنى قالدۇرماي، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايتتى.


ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، گەرچە مەن ياش، تەجرىبىسىز، دۆلەتنى قانداق باشقۇرۇشنى بىلمىسەممۇ، ئەمما سەن مەن قۇلۇڭنى ئاتام داۋۇتنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلدىڭ.


بۇرۇن سائۇل بىزگە پادىشاھ بولغان ۋاقتىدا، سىلى ئۇرۇشلاردا ئىسرائىل خەلقىگە باشچىلىق قىلغانىدىلە. پەرۋەردىگارمۇ سىلىگە: «خۇددى بىر پادىچى ئۆز قويلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك، سەنمۇ مېنىڭ خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن ۋە ئۇلارغا باش بولىسەن» دېگەنىدى، _ دېيىشتى.


ئۇ، خەلقىڭنى يېتەكلىسۇن. ھازىر بۇ خەلق خۇددى پادىچىسى يوق قويلارغا ئوخشاپ قالدى.


شۇڭا سائۇل داۋۇتنى ئۆزىنىڭ يېنىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، لەشكەرلەرگە مىڭ بېشى قىلىپ قويدى. داۋۇت لەشكەرلەرگە باش بولۇپ جەڭگە باراتتى.


سائۇل داۋۇتنىڭ ھەممە ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازغانلانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدى.


يەھۇدىي موردىكاي مەرتىۋە جەھەتتە پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ كەينىدىلا تۇراتتى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولغانىدى. چۈنكى ئۇ خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە ئامانلىقى ئۈچۈن تىرىشقانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite