15 سائۇل داۋۇتنىڭ ھەممە ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازغانلانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدى.
لېكىن، بىر ئادەمدە خۇدادىن كەلگەن ئەقىل-پاراسەت بولسا، ئۇ ئالدى بىلەن پاك، ئاندىن تىنچلىقپەرۋەر، خۇش پېئىل، كەمتەر ۋە رەھىمدىل بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتى ياخشى مېۋىلەر بىلەن تولغان بولىدۇ. ئۇ يەنە ئايرىمىچىلىق ۋە ساختىپەزلىك قىلمايدۇ.
ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى ئەقىل-پاراسەتكە موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان ۋە مالال كۆرمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇندىلا، ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.
ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئەقىل-پاراسىتىڭلارنى ئىشلىتىپ، ھەربىر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈڭلار.
ساخاۋەتلىك، مەرد ئادەم بەختلىك بولار، ئادىل ئىش قىلىدىغانلار روناق تاپار.
سائۇل داۋۇتتىن قورقاتتى. چۈنكى پەرۋەردىگار سائۇلدىن ئايرىلىپ، داۋۇتقا يار بولغانىدى.
پەرۋەردىگار داۋۇتقا يار بولغاچقا، ئۇ ھەرقانداق ئىشتا نەتىجىگە ئېرىشەتتى.
لېكىن يەھۇدا قەبىلىسىدىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن كەلگەنلەر داۋۇتقا ئامراق ئىدى، چۈنكى ئۇ جەڭلەردە ئالدىنقى سەپتىكى سەركەردە ئىدى.