9 ئەگەر ئۇ مەن بىلەن ئېلىشىپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەلىسە، بىز سىلەرگە قۇل بولايلى. ئەگەر مەن ئۇنى يېڭىپ ئۆلتۈرۈۋەتسەم، سىلەر بىزگە قۇل بولۇپ، خىزمىتىمىزنى قىلىڭلار.
ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاش گىلئادتىكى يابېش شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەرنى قورشاۋغا ئالدى. پۈتۈن يابېش ئاھالىسى پادىشاھ ناخاشقا: _ ئەگەر بىز بىلەن كېلىشىم تۈزسىلە، سىلىگە ئەل بولايلى، _ دېدى.
بىر كۈنى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ، ماخانايىمدىن چىقىپ، گىبئون شەھىرىگە قاراپ ماڭدى.
ئۇ فىلىستىيەلىك سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ: _ مەن بۈگۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى شەرمەندە قىلىمەن. قېنى، مەن بىلەن ئېلىشقىلى بىر ئادەم چىقىرىڭلار! _ دېدى.