53 ئىسرائىللار فىلىستىيەلىكلەرنى قوغلاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بارگاھىنى بۇلاپ-تالىدى.
لېكىن سىلەرنى ۋەيران قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولىدۇ. بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ. سىلەرنى تالان-تاراج قىلغانلارنىڭ ئۆزىمۇ تالان-تاراج قىلىنىدۇ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ.
پۈتكۈل زېمىن تاكى ۋەيران بولغۇچە، ئاپەتلەر بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى توختىماي يۈز بېرىدۇ. توساتتىن بارلىق چېدىرلىرىمىز ۋەيران بولىدۇ. چېدىرغا يېپىلغان كىگىزلەرمۇ تۇيۇقسىز يىرتىلىپ كېتىدۇ.
يەھۇدا قەبىلىسىدىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن كەلگەن لەشكەرلەر ھۇررا دەپ توۋلىشىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى گات ۋە ئەقرون قوۋۇقىغىچە قوغلاپ باردى. ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ جەسەتلىرى شائارايىمدىن گات ۋە ئەقرونغىچە بولغان يول ياقلىرىدا ياتاتتى.
(كېيىن داۋۇت گولياتنىڭ بېشىنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ بارىدۇ، ئۇنىڭ قورال-يارىغىنى بولسا ئۆز چېدىرىدا قالدۇرىدۇ.)
ئۇ جېنىنى تىكىپ قويۇپ، ھېلىقى فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى. پەرۋەردىگار ئۇ ئارقىلىق ئىسرائىللارنى چوڭ غەلىبىگە ئېرىشتۈردى. شۇ چاغدا سىز بۇلارنى كۆرۈپ خۇشال بولغانىدىڭىز. ئەمدى نېمىشقا بىكاردىن-بىكار بىگۇناھ داۋۇتنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۆزىڭىزنى گۇناھكار قىلماقچى بولىسىز؟ _ دېدى.
ئەمما ئەلئازار ئۆز ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، قوللىرىنىڭ پەيلىرى تارتىشىپ كەتكۈچە فىلىستىيەلىكلەرنى قىرىدۇ. شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا زور غەلىبە ئاتا قىلىدۇ. كېيىن ئىسرائىل لەشكەرلىرى ئۆلگەن فىلىستىيە لەشكەرلىرىنىڭ مال-مۈلۈكىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئۈچۈن يەنە قايتىپ كېلىدۇ.