49 داۋۇت خالتىسىدىن بىر تاشنى ئېلىپ، ئۇنى سالغىسىغا سېلىپ ئېتىۋىدى، ئۇ تاش فىلىستىيەلىكنىڭ دەل پېشانىسىگە كىرىپ كەتتى. فىلىستىيەلىك شۇ زامان يەرگە دۈم چۈشتى.
يېھۇ ياسىغا ئوقنى قويۇپ، يورامنىڭ دۈمبىسىنى چەنلەپ ئېتىۋىدى، ئوق ئۇنىڭ يۈرىكىنى تېشىپ چىقتى. ئۇ ئۆز ھارۋىسىغا يىقىلدى.
بىراق بىر ئاررام لەشكىرى تاسادىپىي بىر ئوق ئېتىۋىدى، ئۇ ئوق دەل ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ قاسراقسىمان ساۋۇتى ياپالمىغان يېرىگە تەگدى. ئاخاب ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىنى ھەيدىگۈچىسىگە ۋارقىراپ: _ مەن يارىلاندىم، كەينىڭگە قايت، جەڭدىن چېكىن! _ دېدى.
گوليات داۋۇتقا ھۇجۇم قىلىشى ئۈچۈن ئالدىغا قاراپ ماڭدى. داۋۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قاراپ يۈگۈردى.
شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ئۇ فىلىستىيەلىكنى سالغا تېشى بىلەن يەڭدى. ئۇ چاغدا داۋۇتنىڭ قولىدا قىلىچ يوق ئىدى.
ئۇ جېنىنى تىكىپ قويۇپ، ھېلىقى فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى. پەرۋەردىگار ئۇ ئارقىلىق ئىسرائىللارنى چوڭ غەلىبىگە ئېرىشتۈردى. شۇ چاغدا سىز بۇلارنى كۆرۈپ خۇشال بولغانىدىڭىز. ئەمدى نېمىشقا بىكاردىن-بىكار بىگۇناھ داۋۇتنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۆزىڭىزنى گۇناھكار قىلماقچى بولىسىز؟ _ دېدى.