Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 17:44 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

44 ئۇ يەنە داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ كېلىۋەر، مەن تېنىڭنى ئاسماندىكى قاغا-قۇزغۇنلارغا، دالادىكى ياۋايى ھايۋانلارغا يەم قىلىمەن!

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 17:44
12 Referans Kwoze  

ھالاكەتتىن ئىلگىرى ئادەمنىڭ يۈرىكىدە بولۇر تەكەببۇرلۇق. ئىززەت-ھۆرمەتتىن ئىلگىرى يۈرەر كىچىك پېئىللىق.


_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن تىر ھۆكۈمرانىغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سەن تەكەببۇرلۇق قىلىپ، كۆڭلۈڭدە: ‹مەن ئىلاھتۇرمەن، دېڭىزدىكى ئىلاھنىڭ تەختىدە ئولتۇرىمەن› دەيسەن. سەن ئۆزۈڭنى خۇدادەك دانا چاغلىساڭمۇ، لېكىن سەن بەرىبىر ئىنسانسەن، خۇدا ئەمەستۇرسەن.


پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «دانا كىشىلەر ئۆز دانالىقى ھەققىدە ماختانمىسۇن. كۈچلۈك ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ كۈچتۈڭگۈرلۈكى ھەققىدە ماختانمىسۇن. بايلار ئۆز بايلىقلىرى ھەققىدە ماختانمىسۇن.


بۈگۈن پەرۋەردىگار سېنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرىدۇ، سېنى ئۆلتۈرۈپ، كاللاڭنى تېنىڭدىن جۇدا قىلىمەن. شۇنداقلا فىلىستىيەنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى ئاسماندىكى قاغا-قۇزغۇنلارغا ۋە يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارغا يەم قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئالەمدىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالىدۇ.


ئاندىن، قۇياشنىڭ ئىچىدە تۇرغان بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ ئاسماننىڭ قەرىدە ئۇچۇۋاتقان بارلىق قۇشلارغا قاتتىق ئاۋاز بىلەن: «كېلىڭلار، خۇدانىڭ كاتتا زىياپىتىگە يىغىلىڭلار!


ئاندىن ئۇلار يوناتان بىلەن ئۇنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: _ بۇ ياققا كېلىڭلار، بۇرنۇڭلارنىڭ نوخلىسىنى ئېلىپ قويايلى، _ دېدى. _ ماڭا ئەگىشىپ ماڭ، _ دېدى يوناتان قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە، _ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.


ئايياھنىڭ قىزى رىزپاھ جەسەتلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىگە ماتا رەخت يېيىپ، ماتەم تۇتۇپ ئولتۇردى. ئۇ ئورما باشلانغاندىن تارتىپ تاكى ئورما تۈگەپ، جەسەتلەرنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن يامغۇر ياغقانغا قەدەر جەسەتلەرنى كۈندۈزى قاغا-قۇزغۇنلاردىن، كېچىسى ياۋايى ھايۋانلاردىن قوغدىدى.


مەن ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى قۇشلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite