41 فىلىستىيەلىك گولياتمۇ داۋۇت تەرەپكە قاراپ يېقىنلىشىپ كەلدى. ئۇنىڭ قالقان كۆتۈرگۈچىسى ئۇنىڭ ئالدىدا كېلىۋاتاتتى.
قولىدىمۇ بىر نەيزە بولۇپ، ئۇنىڭ دەستىسى رەخت توقۇيدىغان دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى، تۆمۈر ئۇچىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن يەتتە كىلو كېلەتتى. بىر لەشكەر ئۇنىڭ چوڭ قالقىنىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭاتتى.
ئۇ قولىغا تايىقىنى ئالدى ۋە جىلغىدىن بەش دانە سىلىق تاشنى تېرىۋېلىپپ، ئۇلارنى پادىچى خالتىسىغا سالدى. ئاندىن ئۇ قولىغا سالغىسىنى ئېلىپ، ئۇ فىلىستىيەلىك تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
گوليات ئىككى مەڭزى قىزىل، كېلىشكەن ياش يىگىت داۋۇتقا زەن سېلىپ قارىدى، ئەمما ئۇنى مەنسىتمىدى.
بۇ چاغدا پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا: _ سەن قولۇڭدىكى نەيزىنى ئاي شەھىرىگە تەڭلىگىن، مەن شەھەرنى سىلەرگە بەردىم، _ دېدى. يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىنى بەجا كەلتۈردى.