Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 17:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 فىلىستىيەلىكلەر تەرەپتىن گوليات ئىسىملىك كۈچتۈڭگۈر بىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ گات شەھىرىدىن بولۇپ، بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىرغا يېقىن كېلەتتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 17:4
11 Referans Kwoze  

ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى ئىچىدە ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھېچكىم قالمىدى. بىراق ئۇلاردىن ئازغىنا بىر قىسمى گازا، گات، ۋە ئاشدود شەھەرلىرىدە قېلىپ قالدى.


ئۇ ئاكىلىرى بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغاندا، گاتلىق كۈچتۈڭگۈر گوليات فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىدىن چىقىپ، ئاۋۋالقى سۆزلىرىنى يەنە تەكرارلىدى. داۋۇت ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇردى.


ئۇ يەنە بويىنىڭ ئېگىزلىكى 2.5 مېتىر كېلىدىغان بىر مىسىرلىقنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ مىسىرلىقنىڭ قولىدا بىر نەيزە بولۇپ، نەيزىسىنىڭ دەستىسى رەخت توقۇيدىغان دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى. بىنايا مىسىرلىققا كالتەك بىلەنلا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى نەيزىسىنى تارتىۋېلىپ، ئاشۇ نەيزە بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ.


«داۋۇت گاتقا قېچىپ كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلگەندە، سائۇل ئۇنى ئىزدەشتىن توختىدى.


(پادىشاھ ئوگ رافاھلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھايات قالغان ئەڭ ئاخىرقى ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ كارىۋىتى تۆمۈر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تۆت مېتىر، كەڭلىكى بىر مېتىر سەكسەن سانتىمېتىر ئىدى. ئۇ كارىۋات ئاممونلارنىڭ رابباھ شەھىرىدە ھازىرغىچە بار.)


ئەي خەلقىم، كۆز ئالدىڭلاردا ئامورلارنى ۋەيران قىلغان مەن ئەمەسمىدىم؟! ئۇلار خۇددى كېدىر دەرەخلىرىدەك ئېگىز، دۇپ دەرەخلىرىدەك مەزمۇت بولسىمۇ، ئۇلارنى ئۇچىدىن يىلتىزىغىچە پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتمىگەنمىدىم؟!


فىلىستىيەلىكلەر ئۇ تەرەپتىكى تاغدا، ئىسرائىللار بولسا بۇ تەرەپتىكى تاغدا تۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر جىلغا بار ئىدى.


بېشىغا تۇچ دۇبۇلغا، ئۇچىسىغا زەنجىر ساۋۇت كىيگەن بولۇپ، ساۋۇتنىڭ ئېغىرلىقى 60 كىلوغا يېقىن كېلەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite