34 داۋۇت مۇنداق دېدى: _ ئالىيلىرى، مەن خىزمەتكارلىرى ئاتامنىڭ قويلىرىنى بېقىپ كېلىۋاتىمەن. شىر ياكى ئېيىق كېلىپ قويلاردىن بىرەرسىنى ئېلىپ قاچسا،
ئۇلار ئېتىقادى بىلەن ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى بويسۇندۇردى، ئادىللىق بىلەن دۆلەت باشقۇردى، خۇدا ۋەدە قىلغانلارغا ئېرىشتى، شىرلار ئۈستىدىن غالىب كەلدى،
شىمشونغا تۇيۇقسىز پەرۋەردىگارنىڭ روھى چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن شىمشون قولى بىلەن شىرنى ئوغلاقنى پارچىلىغاندەك پارچىلاپ تاشلىدى. ئەمما ئۇ بۇ ئىشنى ئاتا-ئانىسىغا تىنمىدى.
_ سەن قانداقمۇ ئۇ فىلىستىيەلىك بىلەن ئېلىشىشقا چىقالايسەن؟ سەن تېخى كىچىك تۇرساڭ، ئۇ بولسا ياش ۋاقتىدىن بېرى جەڭچىدۇر، _ دېدى سائۇل.
ئۇلارنى قوغلاپ بېرىپ ئۇرۇپ، ئېغىزلىرىدىن قويلارنى تارتىۋالىمەن. ئۇلار ماڭا ھۇجۇم قىلسا، يايلىرىدىن تۇتۇۋېلىپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىمەن.
مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى، پادىچى شىر ئاغزىدىن قوينى تارتىۋالماقچى بولغىنىدا، ئۇنىڭ قولىدا پەقەت قوينىڭ ئىككى تۇيىقى ياكى قۇلىقىنىڭ بىر پارچىسىلا قالغىنىغا ئوخشاش، دۈشمەن ھۇجۇمىدىن كېيىن سامارىيەدىكى ئىسرائىللارنىڭ قولىدا پەقەت ئورۇن-كۆرپىلىرىنىڭ پارچىلىرىلا قالىدۇ.
ھەتتا يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۆلتۈرۈۋەتكەن قويلارنىمۇ سىزگە ئەكېلىپ كۆرسەتمەي، ئۆزۈمنىڭ قويلىرىمدىن سەپلەپ قويدۇم. قويلار مەيلى كېچىسى، مەيلى كۈندۈزى ئوغرىلانغان بولسۇن، ھەممىسىنى ماڭا تۆلەتتىڭىز.
داۋۇت بەزىدە سائۇلدىن ئايرىلىپ بەيتلەھەمگە قايتىپ، ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى بېقىپ كېلەتتى.
ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، ئاتىلىرى ۋە ئادەملىرى ماھىر جەڭچىلەردۇر. ئۇلار ھازىر خۇددى بالىلىرى بۇلاپ كېتىلگەن چىشى ئېيىقتەك قەھرگە تولغاندۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتىلىرى تەجرىبىلىك بىر جەڭچى بولۇپ، ئۇ كېچىدە لەشكەرلىرى بىلەن بىرگە ياتمايدۇ.
يىھويادانىڭ ئوغلى قابزىئېللىق بىنايا جەسۇر جەڭچى بولۇپ، نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇ موئابلارنىڭ باتۇر لەشكىرىدىن ئىككىنى ئۆلتۈرىدۇ. قار ياغقان بىر كۈنى ئورىغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرىدۇ.
ئەسلەيمەن بۇرۇن ئۆتكەن كۈنلىرىمنى، سېغىنىمەن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىڭنى، ياد ئېتىمەن سېنىڭ قىلغان ئەجىرلىرىڭنى.
قويلىرى تارقىلىپ كەتكەن قويچى قويلىرىنى قانداق ئىزدىگەن بولسا، مەنمۇ قويلىرىمنى شۇنداق ئىزدەيمەن. ئۇلار ئاپەتلىك، قاراڭغۇ كۈنلەردە تارقىلىپ كەتكەنىدى. مەن ئۇلارنى تارقىلىپ كەتكەن شۇ يەرلەردىن قۇتقۇزۇپ ئەكېلىمەن.
ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن قېنى بار ھارام گۆشلەرنى، چىشلىرىدىن يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى تارتىپ چىقىرىمەن. فىلىستىيەلىكلەردىن ئامان قالغانلىرى مەن پەرۋەردىگارغا تەۋە بولۇپ، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ. ئەقرون خەلقى يىبۇسلاردەك خەلقىم قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
چۈنكى مەن بۇ زېمىندا ھالاك بولغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايدىغان، ئازغانلارنى ئىزدىمەيدىغان، يارىلانغانلارنى ساقايتمايدىغان، ساقلارنى ئوتلاتمايدىغان پادىچىدىن بىرنى تەيىنلەيمەن. ئۇ سېمىز قويلارنى سويۇپ يەيدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ تۇياقلىرىنىمۇ يۇلۇپ تاشلايدۇ.
بەيتلەھەم يېزىسىنىڭ سەھرالىرىدا بەزى پادىچىلار دالادا تۈنەپ، پادىلىرىغا قارايتتى.
ياخشى قويچى ئۆزۈمدۇرمەن. ياخشى قويچىنىڭ قويلىرى ئۈچۈن جېنى پىدادۇر.
سەۋرچانلىقىمىز بىزنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئېتىقادچىلاردىن قىلىدۇ؛ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئېتىقادچىلاردىن بولساق، بىزدە تەۋرەنمەس ئۈمىد پەيدا بولىدۇ.
مەن كۆرگەن بۇ دىۋە يىلپىزغا ئوخشايتتى، پۇتلىرى ئېيىقنىڭ پۇتلىرىغا، ئاغزى بولسا شىرنىڭ ئاغزىغا ئوخشايتتى. ئەجدىھا دىۋىگە ئۆز قۇدرىتى، تەختى ۋە زور ھوقۇقىنى بەردى.