Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 17:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 ئۇلار بىر-بىرىگە: «ئەنە، ئۇنى كۆردۈڭلارمۇ؟ يەنە ئىسرائىللارنى ھاقارەتلەۋاتىدۇ. پادىشاھ ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئادەمگە جىق بايلىق ئىنئام قىلىپ، ئۆز قىزىنىمۇ خوتۇنلۇققا بېرىدىكەن. ئۇ ئادەمنىڭ پۈتۈن جەمەتىنى ھەر خىل باج-سېلىقتىن خالاس قىلىدىكەن» دېيىشەتتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 17:25
11 Referans Kwoze  

يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى كالىب: _ قىرئات-سېفەر شەھىرىنى كىم ئالسا، قىزىم ئاكساھنى شۇنىڭغا بېرىمەن، _ دېدى.


غەلىبە قىلغۇچىنى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا تۈۋرۈك قىلىمەن. بۇنداق ئادەم ئۇ يەردىن ئەسلا كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا خۇدايىمنىڭ نامىنى، خۇدايىمنىڭ شەھىرىنىڭ نامىنى، يەنى ئەرشتىن - خۇدانىڭ يېنىدىن چۈشىدىغان يېڭى يېرۇسالېمنىڭ نامىنى ۋە مېنىڭ يېڭى نامىمنى يازىمەن.


مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت! غەلىبە قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ جەننىتىدىكى ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىنى يېيىش ھوقۇقىنى بېرىمەن.»


مەن غەلىبە قىلىپ، ئاتامنىڭ تەختىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇردۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەنمۇ غەلىبە قىلغۇچىلارغا تەختىمدە مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن.


غەلىبە قىلغۇچىلار مانا شۇنداق ئاق تون كىيىدۇ. ئۇلارنىڭ نامىنى ھاياتلىق دەپتىرىدىن ھەرگىز ئۆچۈرمەيمەن. ئۇلارنىڭ نامىنى ئاتام خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق ئېتىراپ قىلىمەن.


مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت. غەلىبە قىلغۇچىلارغا ساقلاقلىق ماننادىن بېرىمەن. ئۇلارغا يەنە بىردىن ئاق تاش ۋە بۇ تاشلارنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان يېڭى بىر ئىسىمنى، يەنى بۇنى قوبۇل قىلغۇچىلاردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر ئىسىمنى بېرىمەن.»


پېترۇس: - باشقىلاردىن، - دېيىشى بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا: - ئۇنداقتا، پەرزەنتلەر باجدىن خالىي بولىدۇ.


روھانىيلار، لاۋىيلار، مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر، خىزمەتكارلار ۋە ئىبادەتخانىنىڭ باشقا ھەرقانداق خىزمەتكارلىرىدىن ئالۋان-سېلىق ئېلىنمىسۇن.


ئىسرائىللار گولياتنى كۆرۈش بىلەنلا ناھايىتى قورقۇشۇپ، ئارقىلىرىغا چېكىنىشتى.


كىشىلەر ئۇنىڭغا، گولياتنى ئۆلتۈرگەن كىشىگە بېرىلىدىغان ئىنئاملارنى دەپ بەردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite