2 سائۇل ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىنى يىغىپ، ئېلاھ جىلغىسىدا بارگاھ قۇردى. ئۇ قوشۇنلىرىنى تىزىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىشقا تەييارلاندى.
_ سىز ئېلاھ جىلغىسىدا ئۆلتۈرگەن فىلىستىيەلىك گولياتنىڭ قىلىچى بۇ يەردە، يەنى روھانىيلىق پەرتۇقى قويۇلغان جاينىڭ كەينىدە ماتاغا يۆگەكلىك تۇرىدۇ. خالىسىڭىز شۇنى ئېلىڭ، ئۇنىڭدىن باشقا قورال-ياراغ يوق، _ دېدى روھانىي. داۋۇت: _ ئۇنىڭدىن ياخشى قىلىچ يوق، شۇنى ماڭا بېرىڭ، _ دېدى.
داۋۇتنىڭ ئۈچ ئاكىسى پادىشاھ سائۇل ۋە باشقا ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە ئېلاھ جىلغىسىدا فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتاتتى.
فىلىستىيەلىكلەر ئۇ تەرەپتىكى تاغدا، ئىسرائىللار بولسا بۇ تەرەپتىكى تاغدا تۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر جىلغا بار ئىدى.
شۇ كۈنى داۋۇت سائۇلدىن قېچىپ، گاتنىڭ پادىشاھى ئاكىشنىڭ يېنىغا باردى.