18 يەنە ماۋۇ ئون بولاق ئىرىمچىكنى ئۇلارنىڭ مىڭ بېشىغا ئاپىرىپ بېرىپ، ئاكىلىرىڭنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ئۇقۇپ، ئۇلاردىن بىرەر نىشانە ئالغاچ كەلگىن، _ دېدى.
ئاتىسى ئۇنىڭغا: _ سەن ئاكىلىرىڭ ۋە پادىلارنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىنى بىلىپ، ماڭا خەۋەر قىلغىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاتىسى ئۇنى ھىبرون جىلغىسىدىن يولغا سالدى. يۈسۈپ شەكەمگە بېرىپ،
يىشاي ئوغلى داۋۇتنى بىر ئوغلاق، نان ئارتىلغان بىر ئېشەك ۋە بىر تۇلۇم شاراب بىلەن بىرگە سائۇلغا ئەۋەتتى.
ئارىدىن ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، پاۋلۇس بارناباغا: - بىز بۇرۇن رەببىمىزنىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگەن ھەممە شەھەر-يېزىلارغا بېرىپ، ئېتىقادچىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ كېلەيلى، - دېدى.
مېنى سۈتتەك قۇيۇپ، قېتىقتەك ئۇيۇتقان ئۆزۈڭ ئەمەسمۇ؟
ئىسرائىل يۈسۈپكە: _ ئاكىلىرىڭ شەكەمدە قوي بېقىۋاتىدۇ. سەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ يوقلاپ كەلگىن، _ دېدى. _ ماقۇل، باراي، _ دەپ جاۋاب بەردى يۈسۈپ.
داۋۇتنىڭ ئۈچ ئاكىسى پادىشاھ سائۇل ۋە باشقا ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە ئېلاھ جىلغىسىدا فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتاتتى.
شۇڭا مۇسا قېيىنئاتىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇنى تەزىم قىلىپ كۈتۈۋالدى ۋە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. ئۇلار ئۆزئارا ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن، ئۇ مۇسانىڭ چېدىرىغا كىردى.
شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بەش پالۋان ياش لاۋىي تۇرىدىغان مىكاھنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن تىنچلىق سورىدى.
يىگىتلىرىدىن ئوننى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دەپ تاپىلىدى: _ سىلەر كارمەلگە بېرىپ، نابال بىلەن كۆرۈشۈڭلار. ئۇنىڭغا مېنىڭ سالىمىمنى يەتكۈزۈپ،
شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ھېرىپ-چارچىغانلىقىدىن ئۆزى بىلەن بىرگە ماڭالماي، بىسور جىلغىسىدا قېلىپ قالغان ئىككى يۈز ئادەمنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئالدىغا چىقتى. داۋۇت ئۇلارغا يېقىنلاپ كېلىپ، ئۇلارغا سالام قىلدى.
موردىكاي ئەستىرنىڭ ھال-ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ھەر كۈنى ھەرەمخانا ھويلىسىنىڭ ئەتراپىدا مېڭىپ يۈردى.