17 بىر كۈنى يىشاي ئوغلى داۋۇتقا: _ ئوغلۇم، سەن ماۋۇ بىر خالتا قوماچ بىلەن ئون ناننى بارگاھتىكى ئاكىلىرىڭغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئاپىرىپ بەرگىن.
ئابىگال دەرھال ئىككى يۈز نان، ئىككى تۇلۇم شاراب، پىشۇرۇلغان بەش قوينىڭ گۆشى، بىر خالتا قوماچ، يۈز ئوچۇم كىشمىش ۋە ئىككى يۈز ئوچۇم ئەنجۈر قېقى تەييارلاپ، ئېشەكلەرگە ئارتىپ،
گۇناھكار بولغان سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار تىلىگەنلەرگە مۇقەددەس روھىنى ئىلتىپات قىلماسمۇ؟
گۇناھكار بولغان سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار تىلىگەنلەرگە ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ ئىلتىپات قىلماسمۇ؟
ئۇلار داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى چۆلدە يۈرۈپ ھېرىپ، قورساقلىرى ئېچىپ، ئۇسساپ كەتكەندۇ دەپ ئويلاپ، يوتقان-كۆرپە، تاۋاق، ساپال قاچا، بۇغداي، ئارپا، ئۇن، قوماچ، پۇرچاق، ماش، ھەسەل، سۈزمە، قۇرۇت، ئىرىمچىك ۋە قويلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى.
تاماق ۋاقتى بولغاندا، بوئاز رۇتقا: _ قېنى كەلگىن، نانغا ئېغىز تەگكىن. ئاچچىقسۇغا تەگكۈزۈپ يېگىن، _ دېدى. رۇت ئورمىچىلار بىلەن بىللە ئولتۇردى. بوئاز ئۇنىڭغا قوماچتىن ئېلىپ بەردى. ئۇ تويغۇچە يېدى ۋە ئاشۇرۇپ قويدى.
ھېلىقى فىلىستىيەلىك گوليات قىرىق كۈنگىچە ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى چىقىپ، ئۇرۇشۇشقا دەۋەت قىلىپ تۇردى.