Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 17:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 يىشاينىڭ ئۈچ چوڭ ئوغلى سائۇل بىلەن جەڭگە چىققانىدى. جەڭگە چىققان تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئەلىئاب، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى ئابىناداب، ئۈچىنچىسىنىڭ بولسا شامماھ ئىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 17:13
6 Referans Kwoze  

يىشاينىڭ يەتتە ئوغلى بولۇپ، تۇنجى ئوغلى ئەلىئاب، ئىككىنچىسى ئابىناداب، ئۈچىنچىسى شامماھ،


بۇ ئادەم ئىسرائىللارنى ھاقارەتلىگەنلىكى ئۈچۈن، داۋۇتنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى يوناتان ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.


لېكىن پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى يوناداب داۋۇتقا: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، ھەممە ئوغۇللىرىمدىن ئايرىلىپتىمەن، دەپ ئويلىمىسىلا. پەقەت ئامنون ئۆلۈپتۇ، خالاس. ئۇ سىڭلىسى تامارنىڭ نومۇسىغا تەگكەن كۈندىن باشلاپ، ئابسالوم ئۇنى ئۆلتۈرۈش قەستىدە بولۇپ كەلگەنىدى.


ئامنوننىڭ يوناداب ئىسىملىك بىر ئاغىنىسى بار بولۇپ، ئۇ داۋۇتنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى ئىدى. يوناداب ئىنتايىن قۇۋ ئادەم ئىدى.


داۋۇتنىڭ ئەڭ چوڭ ئاكىسى ئەلىئاب داۋۇتنىڭ كىشىلەر بىلەن قىلىشقان سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ: _ نېمىدەپ بۇ يەرگە كەلدىڭ؟ دالادىكى بار-يوقى بىرقانچە قويلارنى كىمگە تاپشۇردۇڭ؟ مەن سېنىڭ ھاكاۋۇرلۇقۇڭنى ۋە يامان نىيىتىڭنى بىلىمەن. سەن ئەمەلىيەتتە جەڭنى كۆرگىلى كەلدىڭ، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite