Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 17:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 سائۇل ۋە پۈتۈن ئىسرائىللار بۇ فىلىستىيەلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، قورقۇشۇپ، ئالاقزادە بولۇپ كېتىشتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 17:11
12 Referans Kwoze  

مەن ساڭا: «قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول، قورقما ھەم بوشىشىپ قالما» دەپ بۇيرۇغان ئەمەسمىدىم! چۈنكى سەن قەيەرگە بارساڭ، مەن پەرۋەردىگارىڭ، يەنى سەن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا يار بولىمەن.


پەرۋەردىگار سېنى باشلايدۇ، ساڭا يار بولىدۇ. ئۇ سەندىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ ھەمدە سېنى تاشلىمايدۇ. قورقما ۋە بوشىشىپ قالما!»


كىمدىن شۇنچە قورقۇپ، ماڭا يالغان سۆزلەيدىغان بولدۇڭلار؟ مېنى ئۇنتۇدىڭلار، مېنى خىيالىڭلارغىمۇ كەلتۈرمىدىڭلار. مەن ئۇزاقتىن بېرى سۈكۈت قىلغانلىقىم ئۈچۈن، مەندىن قورقمايدىغان بولدۇڭلار!


قاچار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ يامانلار، شىردەك باتۇردۇر ھەققانىيلار.


نىجاتلىقىم ۋە نۇرۇم تۇرسا پەرۋەردىگار، مەن يەنە كىملەردىن قورقۇپ ياشاي؟ ھاياتىمنىڭ قورغىنى تۇرسا پەرۋەردىگار، يەنە كىملەر ئالدىدا تىترەپ تۇراي؟


فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ھېلىقى بەش بېگى ئىسرائىللارنىڭ مىزپاھقا يىغىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، لەشكەر تارتىپ ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلاندى. ئىسرائىللار بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، فىلىستىيەلىكلەردىن ناھايىتى قورقۇشۇپ كەتتى ۋە


ئۇ فىلىستىيەلىك سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ: _ مەن بۈگۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى شەرمەندە قىلىمەن. قېنى، مەن بىلەن ئېلىشقىلى بىر ئادەم چىقىرىڭلار! _ دېدى.


داۋۇت يەھۇدا زېمىنىنىڭ بەيتلەھەم شەھىرىدىكى ئەفراتا جەمەتىدىن بولغان يىشاي دېگەن ئادەمنىڭ بالىسى بولۇپ، يىشاينىڭ سەككىز ئوغلى بار ئىدى. سائۇل ھۆكۈم سۈرگەن دەۋردە، يىشاي ياشىنىپ قالغان بولۇپ، كۆپچىلىك ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى.


بىر قىسىملىرى بولسا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گاد ۋە گىلئاد زېمىنىغا ئۆتۈپ كەتتى. سائۇل تېخىچە گىلگالدا ئىدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋەھىمە باستى.


شۇڭا ئۇ ئۇلار بار يەردە ئەتەي ساراڭلىق قىلىپ، شەھەر دەرۋازىسىغا قالايمىقان يېزىپ-سىزىپ، ساقىلىغا شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ يۈردى.


قورقمايمەن، مەن تەرەپتە پەرۋەردىگار، نېمە قىلالىسۇن مېنى ئىنسانلار!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite