Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 17:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئۇ فىلىستىيەلىك سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ: _ مەن بۈگۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى شەرمەندە قىلىمەن. قېنى، مەن بىلەن ئېلىشقىلى بىر ئادەم چىقىرىڭلار! _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 17:10
14 Referans Kwoze  

داۋۇت ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سەن نەيزە-قىلىچ بىلەن ماڭا قارشى تۇرغىلى كېلىپسەن، لېكىن مەن سەن ھاقارەتلەۋاتقان ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ خۇداسى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ساڭا قارشى تۇرغىلى كەلدىم.


مەن خىزمەتكارلىرى شىرنىمۇ، ئېيىقنىمۇ ئۆلتۈرگەنمەن. مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلىۋاتقان ئاۋۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىكنىڭ ئاقىۋىتى ئاشۇ شىر ۋە ئېيىقتەك بولىدۇ.


خورونلۇق سانباللات بىلەن ئاممونلاردىن بولغان ئەمەلدار توبىيا ۋە گەشەم ئىسىملىك بىر ئەرەب بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، بىزگە نەپرەت قىلىپ: _ سىلەر نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟ پادىشاھقا قارشى ئىسيان كۆتۈرمەكچىمۇ سىلەر؟ _ دەپ سوئال قويۇشتى.


بۇ ئادەم ئىسرائىللارنى ھاقارەتلىگەنلىكى ئۈچۈن، داۋۇتنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى يوناتان ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.


ھازىر مەن نىبۇكادنەزەر ئەرشتىكى پادىشاھ، يەنى خۇدانى ماختايمەن، مەدھىيەلەيمەن ۋە ئۇلۇغلايمەن. ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ھەق ۋە ئادالەتلىكتۇر. ئۇ تەكەببۇرلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇشقا قادىردۇر.


پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «دانا كىشىلەر ئۆز دانالىقى ھەققىدە ماختانمىسۇن. كۈچلۈك ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ كۈچتۈڭگۈرلۈكى ھەققىدە ماختانمىسۇن. بايلار ئۆز بايلىقلىرى ھەققىدە ماختانمىسۇن.


ئاۋۋال كېلەر تەكەببۇرلۇق ھالاكەتتىن، ھاكاۋۇرلۇق يىقىلىشتىن.


«ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىككىنچىسى ئاخوۋاخ ئەۋلادىدىن بولغان دودونىڭ ئوغلى ئەلئازار ئىدى. ئۇ فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى تۇرۇشتا داۋۇت بىلەن بىرگە بولىدۇ. كېيىن ئىسرائىل لەشكەرلىرى چېكىنىپ كېتىدۇ.


سائۇل ۋە پۈتۈن ئىسرائىللار بۇ فىلىستىيەلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، قورقۇشۇپ، ئالاقزادە بولۇپ كېتىشتى.


سىلى ئۆزلىرى خىزمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتقان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار خۇدانى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن ئاسسۇر پادىشاھى سەركەردىسىنى ئەۋەتىپتۇ. ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان پەرۋەردىگار خۇدا سەركەردىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى شۇ سۆزلىرى ئۈچۈن جازالىغاي. ئۆزلىرى بۇ يۇرتتا قېلىپ قالغان بىزلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىلا».


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite