8 يىشاي ئۆزىنىڭ ئوغلى ئابىنادابنى سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. سامۇئىل: _ پەرۋەردىگار ئۇنى تاللىمىدى، _ دېدى.
يىشاينىڭ ئۈچ چوڭ ئوغلى سائۇل بىلەن جەڭگە چىققانىدى. جەڭگە چىققان تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئەلىئاب، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى ئابىناداب، ئۈچىنچىسىنىڭ بولسا شامماھ ئىدى.
يىشاينىڭ يەتتە ئوغلى بولۇپ، تۇنجى ئوغلى ئەلىئاب، ئىككىنچىسى ئابىناداب، ئۈچىنچىسى شامماھ،
شۇنىڭدىن كېيىن قىريات-يىئارىم شەھىرىدىكى كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ، كىچىكرەك بىر تاغ ئۈستىگە سېلىنغان ئابىنادابنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ساقلىسۇن دەپ، ئۇلار ئابىنادابنىڭ ئوغلى ئەلئازارنى پاكلاپ، شۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.
بەن-ئابىناداب (سۇلايماننىڭ قىزى تافاتنىڭ ئېرى)، ئۇ نافات-دورنىڭ ھەممە يەرلىرىگە مەسئۇل ئىدى.