Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 16:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 لېكىن پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: «ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن ئېگىز بەستىگىلا قارىمىغىن، مەن ئۇنى تاللىمىدىم. پەرۋەردىگار ئادەملەرگە ئوخشاش تاشقى كۆرۈنۈشكە ئەمەس، بەلكى قەلبكە قارايدۇ» دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 16:7
34 Referans Kwoze  

تەكشۈرمەي تۇرۇپ ھۆكۈم قىلماڭلار، ھۆكۈمۈڭلار ئادىل بولسۇن!


مەن پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ يۈرىكىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئويلىرىنى سىنايمەن. مەن ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە ۋە قىلغىنىغا لايىق ياندۇرىمەن.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - سىلەر كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى ئالىيجاناب قىلىپ كۆرسىتىسىلەر. لېكىن، خۇدا كۆڭلۈڭلارنى ياخشى بىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ قەدىرلەيدىغىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر.


بەلكى قەلبىڭلاردىكى ئۆچمەس گۈزەللىك، يەنى مۇلايىملىق ۋە تەمكىنلىكىڭلاردىن ئىبارەت بولسۇن چۈنكى، بۇنداق گۈزەللىك خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر.


ئىنسان پاك دەپ بىلەر ئۆزىنىڭ قىلغان ھەممە ئىشىنى، لېكىن پەرۋەردىگار دەڭسەپ كۆرەر ئادەمنىڭ نىيىتى.


ئالدامچىدۇر جەلپكارلىق، بىر كۆپۈكتۇر ھۆسن-جامال، ماختاشقا ئېرىشەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان ئايال.


ئەي ئوغلۇم سۇلايمان، ئاتاڭ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى تونۇغىن، ئۇنىڭ خىزمىتىنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭ ۋە جان-دىلىڭ بىلەن قىلغىن. چۈنكى ئۇ ھەربىر ئىنساننىڭ كۆڭلى ۋە نىيىتىنى بىلىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭغا ئىنتىلسەڭ، ئۇ ساڭا نامايان بولىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭ، ئۇ سېنى مەڭگۈ تاشلايدۇ.


سەن ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگەيسەن ۋە ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىگە ۋە تۇتقان يولىغا يارىشا مۇئامىلە قىلغايسەن. چۈنكى سەنلا ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلىسەن.


- ئى رەببىمىز، ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكى يوشۇرۇن ئويى ساڭا ئايان. يەھۇدا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى تاشلاپ ئۆلدى ۋە ئۆزىگە تېگىشلىك يەرگە كەتتى. ئەمدى ئۇ تاشلىۋەتكەن ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە ئىگە بولغۇچىغا بۇ ئىككىيلەندىن قايسىسىنى تاللىغانلىقىڭنى كۆرسەتكىن.


پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىگە ھەقىقىي سادىق بولغانلارنى يۆلەيدۇ. سىز ئەخمەقلىق قىلدىڭىز، بۇندىن كېيىن سىزنى ئۇرۇش پالاكىتى باسىدۇ.


خۇدادىن يوشۇرۇنالايدىغان ھېچقانداق مەۋجۇدات يوقتۇر. بىز ھېساب بېرىدىغان خۇدا ئالدىدا ھەممە نەرسە ئوچۇق-ئاشكارىدۇر.


ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، سەن ھەققانىي كىشىلەرنى سىنايسەن، كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى تەكشۈرىسەن. دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالغانلىقىڭنى كۆرەي، چۈنكى مەن ساڭا ئەرزىمنى بايان قىلدىم.


بىلىسەن ئولتۇرۇپ-قوپۇشۇمنى، چۈشىنىسەن يىراقتىنمۇ ئويلىرىمنى.


ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەجەللىك كېسەل بىلەن ھالاك قىلىمەن. ئۇ چاغدا، پۈتكۈل ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكرى ۋە قەلبىنى ياخشى بىلگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن ھەمدە ھەربىرىڭلارغا قىلغان ئەمەلىيىتىڭلارغا يارىشا ياندۇرىمەن.


دەرۋەقە بەزىلەر، «پاۋلۇسنىڭ خەتلىرى ھەم قاتتىق ھەم كۈچلۈك، بىراق ئۆزىنى كۆرسىڭىز ئىقتىدارسىز، سۆزلىرى تۇتۇرۇقسىز» دېيىشىدۇ.


ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ سالماقچى بولغان ئىبادەتخانىسىنىڭ تىرىك ئۇل تېشىدۇر. كىشىلەر ئۇنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خۇدا ئۇنى تاللىدى ۋە قەدىرلىدى. شۇڭا، سىلەر ئەيسا مەسىھكە يېقىنلىشىڭلار.


ئەجەبا سېنىڭ كۆزۈڭمۇ ئىنساننىڭ كۆزىگە ئوخشاش بولۇپ، نەزىرىڭ ئادەملەرنىڭكىدەك تارمىدۇ؟


پۈتۈن ئىسرائىللار ئارىسىدا ئابسالومدەك قەددى-قامىتى كېلىشكەن ئادەم يوق ئىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن تۇرقىدىن بىرەر ئەيىب تاپقىلى بولمايتتى.


كىشنىڭ سائۇل ئىسىملىك كېلىشكەن بىر ئوغلى بار ئىدى، ئۇ ئىسرائىل خەلقى ئىچىدە ئەڭ ئېگىز ۋە ئەڭ كېلىشكەن يىگىت بولۇپ، ئۇنىڭدەك يەنە بىر كېلىشكەن ئادەم يوق ئىدى.


ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، سەن ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىسەن، كىشىلەرنىڭ قەلبى ۋە ئويلىرىنى سىنايسەن. مەن سېنىڭ ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالغىنىڭنى كۆرەي، چۈنكى مەن ساڭا ئەرز قىلىۋاتىمەن.


پەرۋەردىگارغا ئايان تۇرسا ئۆلۈكلەر ماكانى، تېخىمۇ ئايان بولماسمۇ ئىنسانلارنىڭ دىلى؟


ئاخىرلاشتۇرغىن رەزىللەرنىڭ يامانلىقىنى، تەۋرەنمەس قىلغىن ھەققانىيلارنى، ئى ھەققانىي خۇدا، سىنىغۇچىسەن قەلبلەرنى.


سىلەر پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشكىلا قارايدىكەنسىلەر. ئەگەر بىرى ئۆزىنى ئەيسا مەسىھكە ۋەكىللىك قىلىمەن دەپ قاراپ، مېنى ئىنكار قىلغان بولسا، يەنە ياخشىراق ئويلىنىپ، مېنىڭمۇ ئەيسا مەسىھكە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلسۇن.


سىلەر ئىنسانلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈم قىلىسىلەر. بىراق، مەن ھېچكىمگە ھۆكۈم قىلمايمەن.


بىراق قابىلدىن ۋە ئۇنىڭ ئاتىغانلىرىدىن رازى بولمىدى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن خاپا بولغان قابىلنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى.


ئارتۇق سۆزلىمەڭلار بېرىلىپ كىبىرلىككە، ئاغزىڭلاردىن چىقمىسۇن تەكەببۇرلۇق سۆزلەر يەنە. چۈنكى پەرۋەردىگار ھەممىنى بىلگۈچى خۇدادۇر، قىلغان ئەمەللەرنى ئۇ تارتار تارازىدا.


ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن مەن قۇلۇڭنى بىلىسەن، ساڭا دەيدىغان يەنە نېمە گېپىم بولسۇن!


سەن ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگەيسەن ۋە ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىگە ۋە تۇتقان يولىغا يارىشا مۇئامىلە قىلغايسەن، چۈنكى سەنلا ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلىسەن.


گەر«بىلمەپتىمەن» دەپ قاچۇرساڭ ئۆزۈڭنى، ئىنسان كۆڭلىنى دەڭسىگۈچى كۆرۈپ تۇرماسمۇ بۇنى؟ ھاياتىڭنى قوغدىغۇچى بىلمەسمۇ؟ ئۇ ھەربىر ئادەمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ياندۇرماسمۇ؟


سەن مەن قۇلۇڭنى شۆھرەتكە ئېرىشتۈردۈڭ، ساڭا دەيدىغان يەنە نېمە گېپىم بولسۇن! ئى پەرۋەردىگار، سەن مەن قۇلۇڭنى بىلىسەن.


ئاسمانغا قارا، ئېگىزدىكى بۇلۇتلارغا قاراپ باق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite