Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 16:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. ئۇ بەيتلەھەمگە يېتىپ كەلگەندە، يۇرت ئاقساقاللىرى قورقۇنچ بىلەن ئۇنى قارشى ئېلىپ: _ تىنچلىق ئۈچۈن كەلدىلىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 16:4
13 Referans Kwoze  

بىر كۈنى خاگگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا سۇلايماننىڭ ئانىسى باتشەبانىڭ يېنىغا كىردى. باتشەبا ئۇنىڭدىن: _ ياخشى نىيەت بىلەن كەلدىڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ شۇنداق، _ دەپ جاۋاب بەردى ئادونىيا، _ سىلىگە دەيدىغان بىر گېپىم بار ئىدى. _ سۆزلە، _ دېدى باتشەبا.


بۇ ئىشنى كۆرگەن سىمۇن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ: - ئى رەببىم، مەندىن يىراقلىشىڭ، گۇناھكارمەن! - دېدى.


يورام يېھۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا: _ تىنچ-ئامان كەلدىڭمۇ؟ _ دېدى. يېھۇ: _ ئاناڭ ئىزەبەلنىڭ بۇتپەرەسلىكى بىلەن جادۇگەرلىكى شۇنچە جىق تۇرسا، قانداقمۇ تىنچ-ئامانلىق بولسۇن؟ _ دېدى.


داۋۇت نوب دېگەن شەھەرگە كېلىپ، روھانىي ئاخىمەلەكنىڭ يېنىغا باردى. ئاخىمەلەك ئۇنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈۋالدى. _ نېمىشقا يالغۇز كەلدىڭىز، ئادەملىرىڭىز يوقمۇ؟ _ دەپ سورىدى ئاخىمەلەك.


شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال ئىلياسقا: _ ئى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، ماڭا نېمە ئۈچۈن بۇنداق مۇئامىلە قىلىسىز؟ سىز بۇ يەرگە گۇناھلىرىمنى ئېسىمگە سالغىلى ۋە ئوغلۇمنى ئۆلتۈرگىلى كەلگەنمىدىڭىز؟ _ دېدى.


شۇ يەردىكى كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇ يەردىن كېتىشىنى تەلەپ قىلىشتى. چۈنكى، ئۇلار ئىنتايىن قورقۇشقانىدى. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چۈشۈپ، قايتىپ كەتمەكچى بولدى.


شۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان يۈسۈپمۇ جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسىرە شەھىرىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى پادىشاھ داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيتلەھەم يېزىسىغا كەتتى.


بىر كۈنى خەلقىم ماڭا ئەگىشىدۇ، مەن شىردەك ھۆركىرەيمەن. ھۆركىرىگىنىمدە، پەرزەنتلىرىم غەرب تەرەپتىن تىترىگەن ھالدا كېلىشىدۇ.


شۇڭا مەن پەيغەمبەر ئارقىلىق سىلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلدىم، سۆزلىرىم بىلەن سىلەرنى ئۆلتۈردۈم. تاڭنىڭ ئېتىشى مۇقەررەر بولغىنىدەك مېنىڭ ھۆكۈملىرىم چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.


شۇ كۈنى داۋۇت پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ: «پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىغا قاراش ۋەزىپىسىنى قانداق قىلىپ ئۈستۈمگە ئالالايمەن؟» دەپ ئويلىدى.


مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم ئاناڭ راھىلەنىڭ ۋەجىدىندۇر. پادداندىن قايتىپ كېلىش يولىدا، ئاناڭ راھىلە كەنئان رايونىدىكى ئەفراتاغا بارىدىغان يول بويىدا ۋاپات بولۇپ، مېنى ھەسرەتتە قالدۇردى. مەن ئۇنى شۇ يەردىلا دەپنە قىلدىم، _ دېدى. (ئەفراتا ھازىر «بەيتلەھەم» دەپ ئاتىلىدۇ.)


راھىلە ۋاپات بولۇپ، ئەفراتاغا، يەنى ھازىر «بەيتلەھەم»گە ماڭىدىغان يولنىڭ بويىغا دەپنە قىلىندى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite