Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 16:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 يىشاينى قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېيىشكە تەكلىپ قىلغىن. شۇ چاغدا سېنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى، كىمنىڭ بېشىغا ياغ قۇيىدىغانلىقىنى مەن ساڭا دەپ بېرىمەن، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 16:3
10 Referans Kwoze  

«ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا مەن سېنىڭ يېنىڭغا بىنيامىن زېمىنىدىن بىر ئادەم ئەۋەتىمەن. سەن ئۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى خەلقىم ئىسرائىللارغا باش قىلىپ تەيىنلىگىن. ئۇ خەلقىمنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. مەن خەلقىمنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ داد-پەريادى ماڭا يەتتى.»


ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، شەھەرگە كىر، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى بىرى ساڭا ئېيتىپ بېرىدۇ، - دېگەن جاۋاب كەلدى ھېلىقى ئاۋازدىن.


ئابسالومنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ تەكلىپى بويىچە يېرۇسالېمدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن 200 ئادەم بار ئىدى. ئۇلار ئابسالومنىڭ يامان نىيىتىدىن خەۋەرسىز ئىدى.


سەن دېمەكچى بولغانلىرىڭنى ئۇنىڭغا ئېيت. سېنى ۋە ئۇنى سۆزمەن قىلىمەن ۋە ھەر ئىككىڭلارغا نېمە قىلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئۆگىتىمەن.


ئۇ يەردە روھانىي زادوق ۋە ناتان پەيغەمبەر ئىككىڭلار سۇلايماننىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى تەيىنلەپ، بۇرغا چېلىپ: «ياشىسۇن پادىشاھ سۇلايمان!» دەپ توۋلاڭلار.


شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ھىبروندا ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ: «پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن» دېيىشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سامۇئىل ئارقىلىق ۋەدە قىلغىنى بويىچە داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite