22 ئاندىن ئۇ يىشايغا: «داۋۇت ماڭا ياراپ قالدى. ئۇ داۋاملىق يېنىمدا قېلىپ خىزمىتىمنى قىلسۇن» دەپ خەۋەر ئەۋەتتى.
داۋۇت سائۇلنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىگە كىرىشتى. سائۇلنىڭ داۋۇتقا قاتتىق مېھرى چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل ئۇنى ئۆزىنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى قىلىۋالدى.
پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ئازاب روھى سائۇلنى ئازابلىغاندا، داۋۇت لىرا چالاتتى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل ئارام تېپىپ، ياخشى بولۇپ قالاتتى، ئازاب روھىمۇ ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتەتتى.
پادىشاھ ئۇلارغا ھەر كۈنى ئوردا تامىقى ۋە شاراب بېرىش، ھەمدە ئۇلارنى ئۈچ يىل تەربىيەلەپ، ئاندىن ئوردا خىزمىتىگە سېلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى.
لابان ئۇنىڭغا: _ سەن مەندىن رازى بولغان بولساڭ، يېنىمدىن ئايرىلما. پال ئاچتۇرۇپ شۇنى بىلدىمكى، پەرۋەردىگار سەن ئارقىلىق ئىشلىرىمغا بەرىكەت ئاتا قىلغانىكەن.
پوتىفار ئۇنىڭدىن رازى بولۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ شەخسىي ياردەمچىسى قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇنى ئائىلە ئىشلىرى ۋە پۈتۈن مال-مۈلكىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى.
لېكىن سېنىڭ ياردەمچىڭ بولغان نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا بارالايدۇ. سەن ئۇنى رىغبەتلەندۈرگىن، چۈنكى ئۇ ئىسرائىللارنى ئاشۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا باشلاپ بارىدۇ» دېدى.
ئى پەرۋەردىگار، تەكەببۇرلۇق يوقتۇر كۆڭلۈمدە، ھاكاۋۇرلۇق قىلماسمەن قىلچە. ئارىلاشمايمەن قۇربىم يەتمەس ئىشلارغا، كىرىشمەيمەن بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانلارغا.