Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 16:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 داۋۇت سائۇلنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىگە كىرىشتى. سائۇلنىڭ داۋۇتقا قاتتىق مېھرى چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل ئۇنى ئۆزىنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى قىلىۋالدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 16:21
13 Referans Kwoze  

كۆرگەنسەن ئىشىغا ماھىر ئۇستىنى؟ ئۇ پۇقرانىڭ ئەمەس، پادىشاھلارنىڭ خىزمىتىدىدۇر.


ئىشەنچ باغلىما شاھزادىلەرگە، نىجاتلىق بېرەلمەيدىغان بەندىلەرگە.


باشپاناھ قىلماق پەرۋەردىگارنى، ئەۋزەلدۇر تايانچ قىلماقتىن ھاكىملارنى.


ئىنسان پەقەت بىرلا تىنىقتۇر، شۆھرىتىمۇ ئۇنىڭ قۇرۇقتۇر. كۆتۈرۈلۈپ كېتەر سېلىنسا تارازىغا ئۇلار، چۈنكى ئۇلار بىر تىنىقتىنمۇ يېنىكتۇر.


ئادەملىرىڭىز نەقەدەر بەختلىك-ھە! ئەمەلدارلىرىڭىز ھەمىشە ئالدىلىرىدا تۇرۇپ ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلىيالايدىكەن، ئۇلار نەقەدەر بەختلىك-ھە!


خەلق تاغدا بولغان ۋاقىتتا پەرۋەردىگار لاۋىيلارنى تاللاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە ئەمر قىلغانىدى. شۇنىڭدىن بېرى لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئۇنىڭ نامى بىلەن خەلققە بەخت تىلەپ كەلمەكتە. بۇ قائىدە ھازىرغىچە ئۆزگەرگىنى يوق.


لېكىن سېنىڭ ياردەمچىڭ بولغان نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا بارالايدۇ. سەن ئۇنى رىغبەتلەندۈرگىن، چۈنكى ئۇ ئىسرائىللارنى ئاشۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا باشلاپ بارىدۇ» دېدى.


جان تالىشىۋاتقان ئابىمەلەك دەرھال قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: _ قىلىچىڭنى چىقىرىپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت! «ئابىمەلەك بىر ئايالنىڭ قولىدا ئۆلۈپتۇ» دېيىلمىسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىگىت قىلىچنى ئۇنىڭغا تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.


ئاندىن ئۇ يىشايغا: «داۋۇت ماڭا ياراپ قالدى. ئۇ داۋاملىق يېنىمدا قېلىپ خىزمىتىمنى قىلسۇن» دەپ خەۋەر ئەۋەتتى.


داۋۇت بەزىدە سائۇلدىن ئايرىلىپ بەيتلەھەمگە قايتىپ، ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى بېقىپ كېلەتتى.


سائۇل داۋۇتنىڭ ھېلىقى فىلىستىيەلىكنىڭ ئالدىغا ئېلىشىشقا چىققانلىقىنى كۆرۈشى ھامان، قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى ئابنېردىن: _ ھەي ئابنېر، بۇ يىگىت كىمنىڭ ئوغلى ئىكەن؟ _ دەپ سورىغانىدى. _ ئى پادىشاھى ئالەم، نامىڭىز بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن راستتىنلا بىلمەيدىكەنمەن، _ دېگەنىدى ئابنېر.


شۇنىڭدىن كېيىن يوناتان داۋۇتنى چاقىرىپ كېلىپ، بولغان سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردى، شۇنداقلا ئۇنى سائۇلنىڭ ئالدىغا باشلاپ باردى. داۋۇت ئاۋۋالقىدەكلا سائۇلنىڭ خىزمىتىدە بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite