20 يىشاي ئوغلى داۋۇتنى بىر ئوغلاق، نان ئارتىلغان بىر ئېشەك ۋە بىر تۇلۇم شاراب بىلەن بىرگە سائۇلغا ئەۋەتتى.
سوۋغات ئاچار كىشىگە ئاسانلىق ئىشىكىنى، باشلاپ بارار چوڭ ئەربابلارنىڭ ئالدىغا ئۇنى.
لېكىن بەزى ئوسال كىشىلەر: _ بۇ ئادەم قانداقمۇ بىزنى قۇتقۇزالايدۇ؟ _ دېيىشىپ، سائۇلنى مەنسىتمەي، ئۇنىڭغا ھېچقانداق سوۋغات بەرمىدى. سائۇل ھېچنېمە دېمىدى.
يەنە ماۋۇ ئون بولاق ئىرىمچىكنى ئۇلارنىڭ مىڭ بېشىغا ئاپىرىپ بېرىپ، ئاكىلىرىڭنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ئۇقۇپ، ئۇلاردىن بىرەر نىشانە ئالغاچ كەلگىن، _ دېدى.
ئابىگال دەرھال ئىككى يۈز نان، ئىككى تۇلۇم شاراب، پىشۇرۇلغان بەش قوينىڭ گۆشى، بىر خالتا قوماچ، يۈز ئوچۇم كىشمىش ۋە ئىككى يۈز ئوچۇم ئەنجۈر قېقى تەييارلاپ، ئېشەكلەرگە ئارتىپ،
ياقۇپ ئۇلارغا: _ ئۇنداق بولسا، باش ۋەزىرگە مەلھەم، ھەسەل، دورا-دەرەك، مۇرمەككى، پىستە-بادام قاتارلىق ھەر خىل ئەڭ ياخشى يەرلىك مەھسۇلاتلارنى سوۋغا سۈپىتىدە ئالغاچ بېرىڭلار.
ئۇلار ساڭا سالام قىلىپ، ئىككى نان بېرىدۇ. سەن بەرگەن نانلارنى ئالغىن.
سائۇل بۇنى ئاڭلاپ، يىشايغا چاپارمەنلىرىنى ئەۋەتىپ: «قويچى ئوغلۇڭ داۋۇتنى يېنىمغا ئەۋەتكىن» دېدى.