Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 16:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 سائۇل بۇنى ئاڭلاپ، يىشايغا چاپارمەنلىرىنى ئەۋەتىپ: «قويچى ئوغلۇڭ داۋۇتنى يېنىمغا ئەۋەتكىن» دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 16:19
12 Referans Kwoze  

داۋۇت بەزىدە سائۇلدىن ئايرىلىپ بەيتلەھەمگە قايتىپ، ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى بېقىپ كېلەتتى.


_ ئوغۇللىرىڭىزنىڭ ھەممىسى مۇشۇمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ كەنجىسىمۇ بار، ئۇ ھازىر قوي بېقىۋاتىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى يىشاي. سامۇئىل: _ چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىڭ، ئۇ كەلمىگۈچە، داستىخانغا ئولتۇرمايمىز، _ دېدى.


ئۇززىيا يەھۇدىيەگە، يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولغان مەزگىللەردە، يەنى قاتتىق يەر تەۋرەشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى، تىقوۋالىق چارۋىچى ئاموسقا ئىسرائىلىيە توغرۇلۇق ۋەھىي كېلىشكە باشلىدى.


ئولتۇرغۇزار ئۇلارنى شاھزادىلەر قېشىغا، ھەتتا ئۆز خەلقىنىڭ شاھزادىلىرى يېنىغا.


شۇنىڭ بىلەن ئىلياس ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانى ئىزدەپ تاپتى. بۇ چاغدا ئېلىشا قوش ھەيدەۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئىدى. كىشىلەر 12 جۈپ ئۆكۈز بىلەن يەر ئاغدۇرۇۋاتاتتى. ئېلىشا بولسا 12-جۈپ ئۆكۈزنىڭ يېنىدا ئىدى. ئىلياس ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ تونىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويۇپ، كېتىپ قالدى.


_ مەن بەيتلەھەملىك يىشاينىڭ بىر ئوغلىنى كۆرگەنىدىم. ئۇ لىرا چېلىشقا ماھىر، جەڭدە باتۇر، يۈرەكلىك، سۆزدە دانا، قىياپىتى كېلىشكەن يىگىت ئىكەن. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىكەن، _ دېدى بىر خىزمەتكار.


يىشاي ئوغلى داۋۇتنى بىر ئوغلاق، نان ئارتىلغان بىر ئېشەك ۋە بىر تۇلۇم شاراب بىلەن بىرگە سائۇلغا ئەۋەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite