17 سائۇل ئەمەلدارلىرىغا: _ ئۇنداقتا، ئۇستا بىر لىراچى تېپىپ ئەكېلىڭلار، _ دېدى.
ئالىيلىرى، بىزگە لىرانى ياخشى چالىدىغان بىر ئادەم تېپىپ كېلىشكە ئەمر قىلغايلا. پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ئازاب روھى سىلىنى ئازابلىغاندا، ئۇ ئادەم كېلىپ لىرا چالسا، ئۆزلىرى ياخشى بولۇپ قالىلا، _ دېدى.
_ مەن بەيتلەھەملىك يىشاينىڭ بىر ئوغلىنى كۆرگەنىدىم. ئۇ لىرا چېلىشقا ماھىر، جەڭدە باتۇر، يۈرەكلىك، سۆزدە دانا، قىياپىتى كېلىشكەن يىگىت ئىكەن. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىكەن، _ دېدى بىر خىزمەتكار.