15 سائۇلنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا: _ ھازىر خۇدا ئەۋەتكەن بىر ئازاب روھىنىڭ ئۆزلىرىنى قاتتىق ئازابلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.
پەرۋەردىگارنىڭ روھى سائۇلدىن ئايرىلدى پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ئازاب روھى ئۇنى قاتتىق ئازابلاشقا باشلىدى.
ئالىيلىرى، بىزگە لىرانى ياخشى چالىدىغان بىر ئادەم تېپىپ كېلىشكە ئەمر قىلغايلا. پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ئازاب روھى سىلىنى ئازابلىغاندا، ئۇ ئادەم كېلىپ لىرا چالسا، ئۆزلىرى ياخشى بولۇپ قالىلا، _ دېدى.
خۇدا ئابىمەلەك ۋە شەكەمنىڭ ئاقساقاللىرى ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سالىدىغان يامان روھنى ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن شەكەم ئاقساقاللىرى ئابىمەلەككە ساتقۇنلۇق قىلىشقا باشلىدى.
پەرۋەردىگار سامۇئىلغا مۇنداق دېدى: _ مەن سائۇلنىڭ ئىسرائىلىيەگە داۋاملىق پادىشاھ بولۇشىنى رەت قىلغان تۇرسام، سەن تېخىچە ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرىۋاتامسەن؟ سەن مۈڭگۈزگە زەيتۇن يېغى تولدۇرۇپ، بەيتلەھەملىك يىشاينىڭ ئۆيىگە بارغىن. مەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنى پادىشاھلىققا تاللىماقچىمەن.
ئەتىسى ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز پەرۋەردىگاردىن ئازاب روھى كېلىپ، ئۇنى ئۆيىدە قالايمىقان ۋارقىرايدىغان قىلىپ قويدى. داۋۇت بولسا ئۇنىڭغا ئادەتتىكى چاغلاردىكىدەك لىرا چېلىپ بەردى. ئۇ چاغدا سائۇلنىڭ قولىدا نەيزە بار ئىدى.
بىر كۈنى سائۇل ئۆيىدە قولىغا نەيزە ئېلىپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگاردىن ئازاب روھى كەلدى. داۋۇت ئۇنىڭغا لىرا چېلىپ بېرىۋاتاتتى.