14 پەرۋەردىگارنىڭ روھى سائۇلدىن ئايرىلدى پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ئازاب روھى ئۇنى قاتتىق ئازابلاشقا باشلىدى.
قوغلىمىغىن ھۇزۇرۇڭدىن زىنھار مېنى، تارتىۋالما مەندىن مۇقەددەس روھىڭنى.
سائۇل داۋۇتتىن قورقاتتى. چۈنكى پەرۋەردىگار سائۇلدىن ئايرىلىپ، داۋۇتقا يار بولغانىدى.
_ سەن نېمىشقا مېنى چاقىرىپ ئاۋارە قىلىسەن؟ _ دېدى سامۇئىل. _ مەن تولىمۇ پەرىشانمەن، _ دېدى سائۇل، _ چۈنكى فىلىستىيەلىكلەر ماڭا قارشى جەڭگە چىقتى، پەرۋەردىگارمۇ مېنى تەرك ئەتتى. ئۇ يا پەيغەمبەرلەر، يا چۈش ئارقىلىق ماڭا جاۋاب بەرمىدى. ھازىر نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلەي دەپ، ئۆزىڭىزنى چاقىردىم.
ئۇ شىمشونغا: _ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى. شىمشون ئويغىنىپ، كۆڭلىدە: «مەن بۇرۇنقىدەك بىر سىلكىنىپلا بوشىنىمەن» دەپ ئويلىدى. ئەمما ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتى.
خۇدا ئابىمەلەك ۋە شەكەمنىڭ ئاقساقاللىرى ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سالىدىغان يامان روھنى ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن شەكەم ئاقساقاللىرى ئابىمەلەككە ساتقۇنلۇق قىلىشقا باشلىدى.
ئەتىسى ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز پەرۋەردىگاردىن ئازاب روھى كېلىپ، ئۇنى ئۆيىدە قالايمىقان ۋارقىرايدىغان قىلىپ قويدى. داۋۇت بولسا ئۇنىڭغا ئادەتتىكى چاغلاردىكىدەك لىرا چېلىپ بەردى. ئۇ چاغدا سائۇلنىڭ قولىدا نەيزە بار ئىدى.
گەرچە ئۇلار بالا چوڭ قىلسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالىمەن، بىرسىنىمۇ تىرىك قالدۇرمايمەن. مەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: «قانداق ئازدۇرىسەن؟» دەپ سورىدى. ھېلىقى روھ: «مەن ئاخابنىڭ پۈتۈن پەيغەمبەرلىرىنى يالغان ئېيتقۇزىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن ئۇنى چوقۇم ئازدۇرالايسەن، بېرىپ، ئۇنى ئازدۇرغىن» دېدى.
سائۇل بۇ خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەن ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز خۇدانىڭ روھى چۈشتى ۋە ئۇنىڭ غەزىپى قاتتىق ئۆرلىدى.
شۇنىڭ بىلەن شىمشون بۇتخانا ئوتتۇرىسىدىكى تورۇسنى تىرەپ تۇرغان ئىككى تۈۋرۈكنىڭ بىرسىگە ئوڭ قولىنى، ئىككىنچىسىگە سول قولىنى تېرەپ تۇرۇپ،
سائۇلنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا: _ ھازىر خۇدا ئەۋەتكەن بىر ئازاب روھىنىڭ ئۆزلىرىنى قاتتىق ئازابلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.
ئالىيلىرى، بىزگە لىرانى ياخشى چالىدىغان بىر ئادەم تېپىپ كېلىشكە ئەمر قىلغايلا. پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ئازاب روھى سىلىنى ئازابلىغاندا، ئۇ ئادەم كېلىپ لىرا چالسا، ئۆزلىرى ياخشى بولۇپ قالىلا، _ دېدى.
پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ئازاب روھى سائۇلنى ئازابلىغاندا، داۋۇت لىرا چالاتتى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل ئارام تېپىپ، ياخشى بولۇپ قالاتتى، ئازاب روھىمۇ ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتەتتى.
سېنى پادىشاھ بولسۇن دەپ، سائۇلنى مېھىر-مۇھەببىتىمدىن مەھرۇم قىلغانىدىم. لېكىن ئۇنى ھېچقاچان مېھىر-مۇھەببىتىمدىن مەھرۇم قىلمايمەن.
مىكايا يەنە مۇنداق دېدى: _ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغايلا! مەن پەرۋەردىگارنىڭ تەختىدە ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم. پۈتكۈل ساماۋى جامائەت ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇراتتى.