10 يىشاي ئۇ يەردىكى يەتتە ئوغلىنىڭ ھەممىسىنى سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. سامۇئىل: _ پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى تاللىماپتۇ، _ دېدى. ئاندىن
يىشاي شامماھنى سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. سامۇئىل: _ پەرۋەردىگار ئۇنىمۇ تاللىمىدى، _ دېدى.
_ ئوغۇللىرىڭىزنىڭ ھەممىسى مۇشۇمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ كەنجىسىمۇ بار، ئۇ ھازىر قوي بېقىۋاتىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى يىشاي. سامۇئىل: _ چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىڭ، ئۇ كەلمىگۈچە، داستىخانغا ئولتۇرمايمىز، _ دېدى.
داۋۇت يەھۇدا زېمىنىنىڭ بەيتلەھەم شەھىرىدىكى ئەفراتا جەمەتىدىن بولغان يىشاي دېگەن ئادەمنىڭ بالىسى بولۇپ، يىشاينىڭ سەككىز ئوغلى بار ئىدى. سائۇل ھۆكۈم سۈرگەن دەۋردە، يىشاي ياشىنىپ قالغان بولۇپ، كۆپچىلىك ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى.