7 سائۇل ئامالەكلەرنى خاۋىلا دېگەن يەردىن تاكى مىسىرنىڭ شەرقىدىكى شۇر دېگەن يەرگىچە قوغلاپ يۈرۈپ، قىردى.
سائۇل جەڭدە باتۇر ئىدى. ئۇ ئامالەكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىسرائىللارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى.
ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئولتۇراقلاشقان جاي خاۋىلا رايونىدىن شۇر دېگەن يەرگە قەدەر ئىدى. شۇر مىسىرنىڭ شەرقىي تەرىپىدە بولۇپ، ئاسسۇرغا بارىدىغان يولدا ئىدى. ئۇلار ئىبراھىمنىڭ باشقا ئەۋلادلىرى بىلەن چىقىشالمىدى.
پەرىشتىنىڭ سۈرىتىدە كەلگەن پەرۋەردىگار ھەجەرنى چۆلدىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىدا كۆردى. بۇلاق شۇر دېگەن يەرگە بارىدىغان يولنىڭ بويىدا ئىدى.
بۇ جەرياندا ئۇ ئۆز ئادەملىرى بىلەن گىشۇرلۇقلار، گىرزىلەر ۋە ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ تۇردى. (بۇ خەلقلەر قەدىمدىن تارتىپ شۇر ۋە مىسىرغىچە بولغان بۇ يەرلەردە ياشاپ كەلگەنىدى.)
كېيىن مۇسا ئىسرائىللارنى قىزىل دېڭىزدىن باشلاپ، شۇر چۆلىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇلار چۆلدە ئۇدا ئۈچ كۈن ماڭغان بولسىمۇ، لېكىن سۇ تاپالمىدى.
بىرىنچىسى پىشون دەرياسى بولۇپ، ئالتۇن چىقىدىغان خاۋىلا دېگەن يەرنى ئايلىنىپ ئۆتەتتى.
رەزىل ئادەملەرنىڭ بەختىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھاياتى خۇددى سايىدەك قىسقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەختسىزلىكى دەل ئۇلارنىڭ خۇدادىن قورقمىغانلىقىدىن بولغاندۇر.
شۇنداق، رەزىللەر ئاپەت كۈنىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ، خۇدانىڭ غەزەپ كۈنىدىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ.
داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۈچىنچى كۈنى زىقلاق شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئامالەكلەر يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلغانىدى ۋە زىقلاق شەھىرىگە ئوت قويۇپ، شەھەرنى تالان-تاراج قىلغانىدى.
ئامالەك ئەۋلادلىرىنىڭ قالغانلىرىنى قىرىپ تاشلىدى. شىموننىڭ ئەۋلادلىرى شۇنىڭدىن بېرى شۇ جايلاردا ياشاپ كەلمەكتە.
ئوفىر، خاۋىلا ۋە يوباب. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.