Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 15:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئاندىن قېنلارغا: «ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا، ئۇلارغا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەنىدىڭلار، شۇڭا سىلەرنى ئامالەكلەر بىلەن قوشۇپ يوقىتىۋەتمەسلىكىم ئۈچۈن، ئەمدى ئامالەكلەردىن ئايرىلىپ، شەھەردىن چىقىپ كېتىڭلار!» دەپ خەۋەر بەردى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 15:6
21 Referans Kwoze  

مۇسا پەيغەمبەرنىڭ قېيىنئاتىسىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان قېنلار خورمىزارلىق شەھەر ئېرىخادىكى يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ئاراد شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى يەھۇدا چۆلىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.


ئۇ چاغدا قېنلاردىن بولغان خەبەر، قەدەش شەھىرىگە يېقىن بولغان زائاناننىمدىكى بىر تۈپ دۇپ دەرىخى يېنىدا چېدىر تىككەنىدى. ئۇ باشقا قېنلاردىن ئايرىلىپ تۇراتتى. ئۇلار مۇسا پەيغەمبەرنىڭ قېيىنئاكىسى خوبابنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.


مەن ساڭا مەسلىھەت بېرەي، خۇدانىڭ ساڭا يار بولۇشىنى تىلەيمەن. سەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا خەلققە ۋاكالىتەن خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارنى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلغىن.


ئاكىش: «سىلەر بۇ قېتىم قەيەرلەرگە ھۇجۇم قىلدىڭلار؟» دەپ سورىسا، داۋۇت: «يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق» دەيتتى. بەزىدە: «يىراخمىئېللارنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق»، يەنى بەزىدە: «قېنلارنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق» دەيتتى.


قېنلاردىن بولغان خەبەرنىڭ خوتۇنى يائېل، ماختاشقا لايىق بارلىق ئاياللار ئىچىدە، ھۆرمەتكە سازاۋەر كۆچمەن ئاياللار ئارىسىدا.


بۇ سودىگەرلەر بابىلغا: «سەن مەستانە بولغان ئېسىل نەرسىلەر سەندىن كەتتى؛ پۈتۈن ئېسىل مال-دۇنيالىرىڭ غايىب بولدى. سەن ئۇلارنى ئەمدى تاپالماسسەن» دەيدۇ.


رەببىمىز ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە رەھىم-شەپقەت قىلغاي. چۈنكى، ئۇ كۆپ قېتىم مېنى يوقلاپ، كۆڭلۈمنى كۆتۈردى. ئۇ مېنىڭ مەھبۇس بولغانلىقىمدىن نومۇس قىلمىدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئېتىقادسىزلاردىن ئايرىلىپ نېرى تۇرۇڭلار. ناپاك ئىشلارغا يېقىن يولىماڭلار، شۇندا، مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن.» «ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار يەنە:


پېترۇس يەنە نۇرغۇن سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردى ۋە ئۇلارغا: - سىلەر ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ بۇ زاماننىڭ چىرىپ كەتكەن كىشىلىرىگە كېلىدىغان جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇڭلار! - دەپ ئاگاھلاندۇردى.


نادانلىق يولىنى تاشلاڭلار، بەختلىك ياشايسىلەر شۇندا، مېڭىڭلار ئاقىللىق يولىدا».


يابېز شەھىرىدە ياشىغان تىرا، شىما ۋە سۇكاھ ئىسىملىك پۈتۈكچىلەرنىڭ جەمەتلىرىمۇ سالما ئەۋلادلىرىدىن كېلىپ چىققانىدى. ئۇلار خامماتتىن بولغان قېنلار بولۇپ، خاممات رېكابنىڭ ئەجدادى ئىدى.


ئۇلارنى چۆرىدەپ تۇرغان بارلىق ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، بىزنىمۇ يەر يۇتۇپ كەتمىسۇن دەپ قېچىپ كېتىشتى.


سەن ھەققانىيلارنى گۇناھكارلار بىلەن بىرگە يوقاتمايسەنغۇ، ئۇنداق قىلماسسەن؟ ئۇنداق قىلساڭ، ھەققانىيلار گۇناھكارلار بىلەن تەڭ جازاغا ئۇچرايدۇ. بۇ مۇمكىنمۇ؟ سەن پۈتۈن ئالەمنىڭ سوراقچىسى تۇرساڭ، جەزمەن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىسەن! _ دېدى.


سائۇل ئامالەكلەرنىڭ شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا كېلىپ، جىلغىدا بۆكتۈرمىدە ياتتى.


ۋە راكال دېگەن يەرلەرنىڭ، شۇنداقلا يىراخمىئېللار ۋە قېنلار ياشايدىغان ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ۋە


بۇ زېمىن قېنلار، قېنازلار، قادمونلار،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite