31 شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل سائۇل بىلەن بىرگە قايتتى. سائۇل پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.
سائۇل: _ مەن گۇناھكارمەن، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، خەلقىمنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى قىلىپ، مەن بىلەن بىرگە قايتىڭ. مەن پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلاي، _ دېدى.
سامۇئىل ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى. ئاگاگ ئۆزىچە: «ئەمدى ئۆلۈم خەۋپى ئۆتۈپ كەتتى» دەپ ئويلاپ، خاتىرجەم ھالدا سامۇئىلنىڭ ئالدىغا كەلدى.
سامۇئىل: _ مەن سەن بىلەن بىرگە قايتمايمەن. سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارمۇ سېنىڭ داۋاملىق ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى بولۇشۇڭنى رەت قىلدى، _ دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇيۇنۇپ، خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى چېچىپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا كىرىپ ئىبادەت قىلدى. ئاندىن ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، غىزا كەلتۈرگۈزۈپ يېدى.